باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كابۇلدىكى نامراتلار مەھەللىسى

2013.12.18 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، نوپۇسى 29 مىليوندىن ئاشىدۇ، يەر كۆلىمى 652 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، جۇڭگو، پاكىستان ۋە ئىران بىلەن چېگرالىنىدۇ. ئافغانىستان دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يېزا ئىگىلىكى ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى. ئافغانىستاندا پۇشتۇ مىللىتى %40 نى، تاجىك مىللىتى %25 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزبېك، تۈركمەن، تۈرۈك قاتارلىق 20 نەچچە ئاز سانلىق مىللەت بار. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى پۇشتۇ تىلى بىلەن پارس تىلىنى ئىشلىتىدۇ. ئافغانىستاندا سۈننى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمان %80 نى، شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمان %19 نى ئىگىلەيدۇ. ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرى. ئۇزۇن يىل ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغانلىقتىن، ئافغانىستاننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. ئافغانىستاندا تېخى نۇرغۇن مىنالار تېخى تازىلانمىغان، ئەپيۈن ۋە خىرويىن قاتارلىق زەھەر سودىسى ئەۋج ئالغان. ھازىر ئافغانىستاندىكى مەزھەپلەر توقۇنۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان.

  نويابىرنىڭ بېشىدا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ نامراتلار مەھەللىسى ئۇدا ئىككى كۈن ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە پاتقاققا تولدى. قىش پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ مەزگىلدە ئىسسىنىش، ئوزۇقلىنىش ۋە ئىچىملىك سۇ نامراتلار مەھەللىسىدىكى خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر