باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالتە جۇڭگو پۇقراسى ئامېرىكىنىڭ كۆممىقوناق ئۇرۇقى مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشقا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەندى

2013.12.18 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 13- دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 12- دېكابىر، ئامېرىكىنىڭ ئىئوۋا شتاتىدىكى تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالتە جۇڭگو پۇقراسى ئامېرىكىنىڭ كۆممىقوناق ئۇرۇقى مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشقا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىكى بىر ئۇرۇق شىركىتىنىڭ مەسئۇلىمۇ بار ئىكەن، ھازىر بۇلارنىڭ بىرسى تۇتۇلغان.

  ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) 2011- يىلىدىن باشلاپ بۇ دېلونى تەكشۈرگەن. ئەينى چاغدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىمىنىڭ بايقىشىچە، ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇق ئەر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ قوناق تەجرىبە ئېتىزىدا پەيدا بولغان، ئۇلار ئىنتايىن يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولغان قوناقنى ئۈزۈۋېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر جايدا ساقلاپ قويغان، ھەمدە ئاخىرى بۇ قوناقلارنى ئىللىنوئىس شتاتىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئېلىپ كەلگەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنى بېيجىڭدىكى بىر ئۇرۇقلۇق پەن- تېخنىكىسى شىركىتى سېتىۋالغانىكەن.

  ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى خۇددى بىر جاسۇسلۇق ھېكايىسىگە ئوخشاپ قالدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىمى ئىلگىرى سوت مەھكىمىسىدىن يۇقىرىقى ئۇرۇقلۇق پەن- تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئىشلەتكەن يانفون ۋە ئىجارىگە ئالغان ئاپتوموبىلنى ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئىجازىتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەنە بۇ جۇڭگولۇق ئەر ئىجارىگە ئالغان ئاپتوموبىلغا يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش، ئىز قوغلاش سىستېمىسى ئورنىتىپ قويغان.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو 12- ئاينىڭ 10- كۈنى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىنىڭ كۆممىقوناق بېسىلغان يۈك پاراخوتىنىڭ تاموژنىدىن كىرىشىنى چەكلىگەن، بۇ پاراخوت تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئىجازەت بېرىلمىگەن گېنى ئۆزگەرتىلگەن كۆممىقوناق بايقالغان. بۇ، 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان جۇڭگو تەرەپ چېگرىدىن كىرىشنى چەكلىگەن 5- تۈركۈم ئامېرىكا كۆممىقونىقى ئىكەن، بۇنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 180 مىڭ توننا كېلىدىكەن. كارانتىن تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۆممىقوناقلاردىن MIR162تەكشۈرۈلۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىمىغان گېنى ئۆزگەرتىلگەن بىئولوگىيەلىك سترائىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر