باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئۈچىنچى قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش تاماملاندى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 330 كىلومېتىر

2013.12.18 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 17-دېكابىر لوپنۇر ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ قاتناشنى پىلانلاش تەكشۈرۈش ـ لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى 38 كۈن جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، 16-دېكابىر لوپنۇر ناھىيەسىدىن چەرچەن ناھىيەسىگىچە بولغان قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىنى قىدرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تاشيول پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ئۈچىنچى قۇملۇق تاشيولى بولۇپ قالىدىكەن شۇنداقلا بايىنغولىن ئوبلاستى مەركىزى كورلىدىن چەرچەنگە بارىدىغان مۇھىم يول بولۇپ قالىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئۈچىنچى قۇملۇق تاشيولىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى 9-نويابىر چەرچەن ناھىيەسى تاتىراڭ يېزىسىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرىپ، چوڭ تىپتىكى ماشىنا ـ ئۈسكۈنە ۋە ئادەم كۈچى بىلەن 38 كۈن ئۇدا جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق پايانسىز قۇم دېڭىزى ئىچىدە لوپنۇردىن چەرچەنگە توغرىسىغا ئۆتىدىغان قۇملۇق تاشيولىنى ئېچىپ، چەرچەن ناھىيەسىدىن كورلىغا بارىدىغان تاشيول مۇساپىسىنى 280 كىلومېتىر قىسقارتقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر