باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مىركىل يەنە گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى بولدى(1)

2013.12.18 16:24   مەنبە: خەلق تورى

مىركىل يەنە گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى بولدى(1)

    17-دېكابىر، گېرمانىيەنىڭ بېرلىندىكى پارلامېنت سارىيىدا، مىركىل (ئوڭدا) گۈل قوبۇل قىلدى. گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى شۇ كۈنى زۇڭلى سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بەردى. مىركىل يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك فېدېراتىسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى بولدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ فەن فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: -دېكابىر بېرلىندىن بەرگەن خەۋىرى: گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل 17-چېسلا يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك فېدېراتىسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى بولدى.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى شۇ كۈنى زۇڭلى سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بەردى. فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى لاممېرت يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇنداق جاكارلىدى، خىرىستىئان دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مىركىلنىڭ جەمئىي 621 ئىناۋەتلىك سايلام بېلىتىدىن 462 بېلەتكە ئېرىشىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ساندىن ئېشىپ، ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇردى، 150 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قارشى ئاۋاز بەردى، 9 كىشى ھوقۇقتىن ۋاز كەچتى. مىركىل ئۇنىڭدىن كېيىن سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گاۋك 17-چېسلا چۈشتە، بېرلىندىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە مىركىلغا ۋەزىپىگە تەيىنلەش خېتىنى بېرىدۇ، ئاندىن مىركىل فېدېراتسىيە پارلامېنتىغا قايتىپ، قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ. (مۇخبىر شاڭ جىڭ، گو شىنيۈ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
      ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
      ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ 
      ·ئەنئەنىۋىي بالىلار ئويۇنى