باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاندتىكى بىر-بىرىگە قارشى سىياسىي گۇرۇھلار چوڭ سايلام مەسىلىسىدە تىركەشمەكتە

2013.12.18 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاندتىكى بىر-بىرىگە قارىشى سىياسىي گۇرۇھلار يەنىلا چوڭ سايلام كۈنتەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە تىركەشمەكتە. تايلاند سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سومچاي تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان ھەمدە قانۇن يولغا قويغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، كېلەر يىلى 2-فېۋرال ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان چوڭ سايلام كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.

  ئاساسلىق ئۆكتىچى بولغان دېموكراتلار پارتىيەسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، سابىق باش مىنىستىر ئاپىستنى يەنە بىر قېتىم پارتىيە باشلىقلىقىغا سايلىدى، لېكىن دېموكراتلار پارتىيەسى 2-فېۋرالدىكى چوڭ سايلامنى چەكلەيدىغان چەكلىمەيدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقارمىدى. باش بولۇپ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىۋاتقان خەلق دېموكراتىك ئىنقىلابىي كومىتېتى شۇ كۈنى ۋەكىل ئەۋەتىپ سايلام كومىتېتى بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە بىر ئاشكارا خەت سۇنۇپ، چوڭ سايلامنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر