- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خونجىراپ تاموژنىسى مەملىكەت بويىچە «خەلقنى رازى قىلغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» شەرىپىگە ئېرىشتى
2013.12.18 16:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-دېكابىر، مەملىكەتلىك سەككىزىنچى نۆۋەتلىك ««خەلقنى رازى قىلغان مەمۇر» ۋە «خەلقنى رازى قىلغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى مۇكاپاتلاش چوڭ يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. خونجىراپ تاموژنىسى مەملىكەتلىك «خەلقنى رازى قىلغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»شەرىپىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەركەز تەشكىلات بۆلۈمى، مەركەز تەشۋىقات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى تەشكىللىگەن بولۇپ جەمئىي 99 نەپەر مەمۇر خادىم مەملىكەت بويىچە «خەلقنى رازى قىلغان مەمۇر»، 80 كوللېكتىپ «خەلقنى رازى قىلغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»شەرىپىگە ئېرىشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر