باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەلق ۋە سىنا مىكروبلوگى ئېچىلدى

2013.12.19 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى 18 - دېكابىر خەلق مىكروبلوگى بىلەن سىنا مىكروبلوگىدا ھۆكۈمەت مىكروبلوگى ئاچتى. بۇ 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى شىنخۇا مىكروبلوگى، تېڭشۈن مىكروبلوگى، ئۈندىدار ھۆكۈمەت مىكروبلوگى ۋە ھۆكۈمەت ئۈندىدارىنى ئاچقاندىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم سۇپا. ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى تۇنجى بولۇپ ھۆكۈمەت مىكروبلوگى ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنىدىكەن.

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى(http://www.gov.cn)نى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى قۇرغان، 2006 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسىمىي ئېچىلغان، گوۋۇيۈەن بىلەن گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆكۈمەت ئۇچۇرى ئېلان قىلىدىغان مۇھىم سۇپا. جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى مىكروبلوگىدا، ئاساسلىقى گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى پائالىيىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم يىغىن ئۇچۇرلىرى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئاشكارا تارقاتقان ھۆججەت ۋە ئىزاھات، تارماقلارنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ زور سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ.

  مىكروبلوگ ئابۇنىچىلىرى جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى مىكروبلوگى باش بېتىگە كىرىپ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر