باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق پېشقەدەم پىروفېسسورلار ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە

2013.12.19 16:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلار جەمئىيىتى 5 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى ئومۇمىي يىغىنى ۋە يىللىق يىغىنى 17 – دېكابىر ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلار جەمئىيىتى 1992 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ‹‹پېشقەدەم پېروفېسسورلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئەقىل كۆرسىتىش ۋە كۈچ قوشۇش››ىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، پېشقەدەم پىروفېسسورلار، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىتاب يېزىپ تەلىمات تىكلەش، ئەقىل كۆرسىتىش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى شۆبە جەمئىيەت قاراشلىق مەكتەپلەردە مائارىپ مۇپەتتىشلىكى تۈزۈمى ئورناتقان، جەمئىيەت ئەزالىرى يىلبويى ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەپ، پېنسىيەگە چىقسىمۇ ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي، ئاسپىرانتلار، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلىگەن، بەزىلىرى يەنىلا پەن تەتقىقات باشلامچىسى بولغان.

  ئەركىنجان تۇراخۇن مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، شىنجاڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلار جەمئىيىتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆۋرۈكلۈك ۋە رىشتىلىق رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا ئەقىل كۆرسىتىشى ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر