باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە تارىخدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىتتا تەشكىللەنگەن كابىنېت

2013.12.19 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈپ 85 كۈندىن كېيىن، چوڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. بۇ گېرمانىيە تارىخدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن كابىنېت تەشكىللەش ھېسابلىنىدۇ. 16-دېكابىر خرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى بىلەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بېرلىندا رەسمىي بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 17-دېكابىر مىركىل ۋە ھەرقايسى كابىنېتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. گېرمانىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە يۈزلىنىشى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەتتا دۇنيانىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گېرمانىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى كرىزىس بولغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ مالىيە ئىنتىزام قارشىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ياۋروپا كرىزىسىدىكى «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى»نىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى.

  يېڭى ھۆكۈمەت كابىنېتىدا خرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىدىن بەش مىنىستىر، خرىستىئان دىنى سوتسىيال ئىتتىپاقىدىن ئۈچ مىنىستىر، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ئالتە مىنىستىر بار. خرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى لاگىرىدىكى شىيىبو داۋاملىق مالىيە مىنىستىرى بولدى، ياۋروپا قەرز كرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، گېرمانىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە مالىيە مەسىلىسىدە كۈنسېرى يېتەكچىلىك رول ئوينىدى، مالىيە مىنىستىرى داۋاملىق سىياسىينىڭ مەركىزى بولدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك مىنىستىرى فون دىلايىن دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى بولۇپ، گېرمانىيە تارىخىدىكى بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن تۇنجى ئايال بولۇپ قالدى. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گابرىل مۇئاۋىن زۇڭلى قۇشۇمچە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى بولدى، ئېنېرگىيەدە بۇرۇلۇش ياساش ۋە قەرز، ياۋرونى باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يېڭى ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى يادرولۇق سىياسەت. سىتەينمىل داۋاملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان بولدى.

  قانداق قىلغاندا ياۋروپا قەرز كرىزىسىنى يەنىمۇ پەسەيتىش- گېرمانىيە يېڭى ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن ئەڭ قول تۇتىدىغان شۇنداقلا ئەڭ جىددىي مۇھىم مەسىلە بولدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى 1-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ پوزىتسىيىسى ياۋروپا قەرز كرىزىسىدە ئىنتايىن مۇھىم. بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كېلىشىمى پىروگراممىسىدىن قارىغاندا، گېرمانىيە يېڭى ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھازىرقى سىياسەتنىڭ سىجىللىقىنى ساقلايدىكەن، يەنى ياۋرونى مۇقىملاشتۇرۇپ، قەرزنى تېزگىنلەش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىپ، قەرزنى ئازايتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى ھۆكۈمەتكە كىرگەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى مالىيەگە تەسىر كۆرسىتىشتە ئوچۇق مەيداندا تۇردى، بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق. ياۋروپا قەرز كرىزىسدىن باشقا، گېرمانىيە مەملىكەت ئىچى نوپۇس ياشىنىش، ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى كۈنسېرى ماس كەلمىگەن يۇقىرى پاراۋانلىق تۈزۈم، داۋالاش، سەھىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېڭى ھۆكۈمەت تەدرىجىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

  ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، گېرمانىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتى شۇنداقلا گېرمانىيە بىلەن يېڭى گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى- بۇ نۆۋەتلىك گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيەسىدىكى ئۈچ چوڭ مۇھىم نۇقتا. بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كېلىشىمىدە مۇنداق دېيىلدى: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى بىر قۇدرەتلىك ياۋروپا بەرپا قىلىش، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان شېرىكىلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش شۇنداقلا خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىركىل يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغان تۇنجى كۈنى پارىژغا بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. گېرمانىيە مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گېرمانىيە فرانسىيە - ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىدىكى باشلامچىلار. گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىختىلاپى ئۈزۈلمىسىمۇ، ئەمما كرىزىسنىڭ يامرىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىتتىپاقلىشىپ، ياۋرو رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ چېكىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنىڭ مۇقىملىقىنى تونۇپ يەتتى.

  گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا مەيلى ئىقتىساد سودا ياكى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى جەھەتتە بولسۇن ئىزچىل ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئەمما يېقىندا ئاشكارىلانغان ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرگە كەڭ دائىرىدە ئوغرىلۇقچە ئاڭلاش نازارەت قىلىشنى يولغا قويغان «پرىزما ۋەقەسى» گېرمانىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بىر قەدەر سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا بىلەن بولغان ناھايىتى ئوڭايسىز دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش- گېرمانىيە يېڭى ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيەسى دۇچ كەلگەن بىر قىيىن مەسىلە. گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە كەڭ ۋە چوڭقۇر ھەمكارلىقى بولغانلىقتىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توڭلىتىۋەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا گېرمانىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ئىتتىپاقلىق يەنىلا ناھايىتى مۇھىم.

  يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدە دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى- ئالدى بىلەن جۇڭگو گېرمانىيە مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بەلگىلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. كابىنېت تەشكىللەش سۆھبىتى جەريانىدا، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭلى گابرىل مۇخبىر ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو گېرمانىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان كېيىنمۇ جۇڭگوغا بولغان سىياسەتتە يەنىلا بىر قەدەر كۈچلۈك سىجىللىقنى ساقلايدۇ، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى يەنىلا گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسى لىنىيەسى. ئېكسپورت چوڭ دۆلىتى ۋە ياسمىچىلىق چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە پايدا كۆپرەك. 2012-يىلى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 161 مىليارد 113 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىكى ئېكسپورتى 66مىليارد 600مىليون ئامېرىكا دوللىرى، جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ 3-چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالدى. ئىقتىساد سودا ساھەسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئىككى تەرەپ بىر-بىردىن ئايرىلالمايدۇ.

  گېرمانىيە ياۋروپا قەرز كرىزىسىدە ئۆزىنىڭ تەسىرى ۋە ئورنىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، دۇنيا ئەمدىزىسىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. گېرمانىيە پىرېزىدېنتى كوك يېقىندا سۆز قىلىپ قىلىپ، بىزنىڭ دۆلىتىمىز يېگانە ئارال ئەمەس، گېرمانىيە «ئەگەر بىز سىياسىي، ئىقتىساد، ئېكولوگىيە ۋە ھەربىي ئىشلار كرىزىسىگە قاتناشمىساق، ئۆزىمىزنى ياخشى ساقلاپ قالالايمىز دەپ قارىماسلىقى كېرەك،دېدى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلمۇ يېقىندا گېرمانىيە ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك خەلق ئىگىلىكى گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم رول ئوينايدۇ،دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر