باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2013.12.20 15:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2014-يىللىق «گۈللىنىش پىلانى» ئېلان قىلىنغان، مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 300 ئەلاچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئاپتونوم رايوندىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى ئون ئوقۇغۇچىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدىكەن.

  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جۇ شۇاڭچۈەن 15-دېكابىر مۇنداق دېدى: «گۈللىنىش پىلانى»غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى مەكتەپنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى، پىلانغا ئاساسەن شىنجاڭدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى راست ئىسىم بىلەن نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغان ئوقۇغۇچى سانى تۆۋەندىكىچە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-ئوتتۇرا مەكتىپى، قۇمۇل شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتىپى ئىككىدىن ئوقۇغۇچى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك «1-ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى، كورلا شەھەرلىك «خۇاشەن» ئوتتۇرا مەكتىپى، قۇمۇل شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپلىرى بىردىن ئوقۇغۇچى نامزاتى كۆرسەتسە بولىدۇ.

  ئوقۇشىمچە، بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن، مېدىتسىنادىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ يىل 20-دېكابىردىن 30-دېكابىرغىچە توردا تىزىملىتىپ، 31-دېكابىردىن بۇرۇن (پوچتىدىن ئەۋەتكەن كۈنى ئاساس قىلىنىدۇ) ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا ئەۋەتىپ، 2014-يىلى 15-يانۋار ئەتراپىدا ماتېرىيالىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر