باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ: تېلېفوندا، توردا چاغانلىق يولۇچى توشۇش پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشتىكى ئەپچىللىك

2013.12.20 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-دېكابىر، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىدىغان بولۇپ، 2013-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ چاغانلىق پويىز بېلىتى سېتىلىدۇ. تېلېفوندا ۋە توردا بېلەت سېتىۋېلىش بېلەت سېتىش ئېغىزىدا ئۆچرەت تۇرۇپ بېلەت سېتىۋېلىشقا قارىغاندا قولايلىق ھەم تېز. يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋىلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، تۆمۈر يول تارماقلىرى ئۆيىگە قايتىدىغان يولۇچىلارغا ئەقىل كۆرسىتىپ، ئۆيگە قايتىدىغان يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش ئۈچۈن بېشىنى قاتتۇرمىدى.

  تېلېفوندا بېلەت زاكاز قىلىشتىكى ئەپچىللىك

  كورلا پويىز ئىستانسىسى بېلەت سېتىش زالىنىڭ خىزمەتچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، تېلېفوندا بېلەت زاكاز قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى مۇقىم تېلېفون ئارقىلىق ئۇرۇش كېرەك، چۈنكى مۇقىم تېلېفون يانفونغا قارىغاندا سىگنالى مۇقىم، ئۇلىنىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى. بېلەت زاكاز قىلىشتىن بۇرۇن، پويىز قوزغىلىدىغان ۋە يېتىپ بارىدىغان بېكەتنىڭ رايون نومۇرى، پويىز قېتىم سانى، زاپاس تاللايدىغان پويىزنىڭ قېتىم سانى، بارىدىغان بېكەت، ئورۇن سانى قاتارلىقلارنى ئاۋۋال ئىزدىۋېلىش كېرەك. ھەمدە قەلەم-قەغەزنى تەق قىلىپ، ھەر قېتىم سېتىش چەكلىنىدىغان ئورۇن، كارىۋات سانى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر تېلېفون ئۇلانمىسا، نومۇرنىڭ ئالدىغا تۇرۇشلۇق تۆمۈر يول ئىدارىسى ئىچىدىكى ھەرقايسى بېكەتلەر تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ رايون نومۇرىنى قوشۇپ ئۇرسا بولىدۇ.

  توردا بېلەت سېتىۋېلىشتىكى ئەپچىللىك

  ئىگىلىنىشىچە، پويىز بېلىتىنى توردا زاكار قىلىش ئورگان تورى (www.12306.cn) بېلەت زاكار قىلىشتىن بۇرۇن تىزىملىتىش كېرەك ئىكەن، تىزىملىتىش جەريانىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقىي بولۇشى كېرەك بولۇپ، تىزىملىتىش تاماملانغاندىن كېيىن، دەرھال ئاكتىپلاش كېرەك. تۆمۈر يول 12306 تورىدا جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ بانكا كارتىسىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، باشقا بانكىنىڭ كارتىلىرى «جۇڭگو بانكىلار بىرلەشمىسى» ئارقىلىق ۋاستىلىك پۇل تۆلەشكە بولىدىكەن. 1-ۋاقىتتا بېلەت تالىشىپ ئالغاندا بېلەت سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى «مېنىڭ 12306 ـــ مېنىڭ ئۇچۇرۇم ـــ دائىم ئالاقىلىشىدىغانلار» كۆزنىكىگە تولدۇرۇش كېرەك.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر