باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا زىيارەت − قۇمۇل (2)

«شەرقى چوڭ دەرۋازا»دا بايلىق كۆپ

مۇخبىرلىرىمىز جۇ بىيى، لى دۇڭمېي، جانېبېك جاۋدات

2013.12.19 15:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6 - دېكابىر قۇمۇل «جىنفېڭ» شامال ئېلىكتر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى «جىنفېڭ» شىركىتىنىڭ مەھسۇلات سېتىش ئىسخېمىسى دىققىتىمىزنى تارتتى، بۇ گرافىدا كۆرسىتىلىشىچە، قۇمۇل «جىنفېڭ» شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى − شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان شامال كۈچى گېنىراتورى مەملىكىتىمىزدىكى 12 ئۆلكە، شەھەرنى قاپلاپلا قالماي، بەلكى ئۆزبېكىستان، پاكىستان، سېپروس قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلغان. 

  2013 - يىلى 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە قۇمۇل «جىنفېڭ» شىركىتى تۈرلۈك تىپتىكى شامالدۇرغۇچ ئاساسىي موتورىدىن 400نى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، سېتىش قىممىتى 3 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 

  قۇمۇل «جىنفېڭ» شىركىتىنىڭ يېنىغا قۇرۇلغان شىنجاڭ «خەيجۇاڭ» شامال ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىمۇ بۇ يىل ئىككى مېگاۋاتلىق شامالدۇرغۇچ ئاساسىي موتورىدىن 149نى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، مەھسۇلاتلار قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى بىر قانچە چوڭ شامال ئېلېكتر بازىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغاندىن سىرت، داۋانچىڭ، جىمىنەي، بۇرچىن قاتارلىق شامال كۆپ چىقىدىغان رايونلارغا سېتىلغان.

  «يىپەك يولى ئىقتساد بەلبېغى»نى بويلاپ قۇمۇلغا كەلگىنىمىزدە، تەبىئىيلا دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان «يىپەك يولى ئىقتساد بەلبېغى» ئىسىتىراتېگىيەسى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خرىسنى، قۇمۇلنىڭ قانداق «تەن» ۋە روھى ھالەتنى ھازىرلىغانلىقىنى، يىپەك يولى ئىقتساد بەلبېغىدىكى ئورنىنى توغرا تاپالامدۇ - تاپالمامدۇ؟ شۇنداقلا ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات مۇساپىسىگە قانداق زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلگىمىز كەلدى. 

  ئالدى بىلەن قۇمۇلنىڭ كۆمۈرى ئۈستىدە توختىلايلى. سەنداۋلىڭ كۆمۈر كېنىنىڭ «غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان» دېگەن نامى بار، 1958 - يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە بولغان 40 يىل مابەينىدە شۇ يەردىكى بۇ غوللۇق كۆمۈر كاندىن جەمئىي 50 مىليون توننا كۆمۈر قېزىۋىلىنغان بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلاتى 1 مىليون توننىدىن ئاشقان. 

  1 مىليون توننىدىن ئارتۇق مىقدار قانداق ئۇقۇم؟ 2012 - يىلى «شېنخۇا» دۆلەت ئېنىرگىيەسى گوروھى چەكلىك شىركىتى قۇمۇلدا شىنجاڭدىكى تۇنجى يەككە قۇدۇقلۇق 10 مىليون توننىلىق كۆمۈر كان قۇرغاندىن كېيىن، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كانلار ئارقا - ئارقىدىن قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ئىككى ناھىيە بىر شەھەرگە ماكانلىشىشقا باشلىدى. 2016 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ «شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى» بوسۇغۇسىغا جايلاشقان قۇمۇلنىڭ 160 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرىشىدىن ئۈمىد بار، بۇ سەنداۋلىڭ كۆمۈر كېنىنىڭ 40 يىلدىكى كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

  گەرچە بۇ يەرگە لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىدىن ئىبارەت شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول تىرانسپورت لىنىيەسى ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، قۇمۇللۇقلار كۆمۈرنى پويىز ئارقىلىق خېشى كارىدورىغا سېتىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى. 2011 - يىلى 9 - ۋە 10 - ئايلاردا «شېنخۇا» دۆلەت ئېنىرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇمۇل كۆمۈر ئېلېكتر چەكلىك شىركىتى دانەنخۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدا 300 مىڭ كىلوۋاتلىق ئىككى ئوت ئېلېكتر گېنىراتورلار گورۇپپىسىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ھەرىكەتلەندۈرۈلگەنلىكى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ كۆمۈر ئېلېكتر تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئوت ئېلېكتر گېنىراتورلار گۇرۇپپىسى 5 مىليون كىلوۋاتلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 2015 - يىلى 6 مىليون 345 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  يەر ئاستىدىكى كۆمۈر ئالدىن كۆرگىلى بولىدىغان بايلىقتۇر، 2010 - يىلى «خۇانىڭ» يېڭى ئېنىرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى سەنداۋلىڭدا 49 مىڭ 500 كىلوۋاتلىق تۇنجى شامال ئېلېكتر مەيدانى قۇرۇپ، قىسقىغىچە بىر نەچچە يىل ئىچىدە بۇ يىل 11 - ئايدا قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى شامال ئېلېكتر گېنىراتورلار سىغىمى 1 مىليون 369 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، يىل ئاخىرىدا 1 مىليون 919 مىڭ كىلوۋات شامال ئېلېكترىنى تورلارشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋىلايەت بويىچە 5 مىليون 419 مىڭ كىلوۋات شامال ئېلېكتىر تورلاشتۇرۇلۇپ، ئوت ئېلېكتر ئېنىرگىيەسى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  شامال ئېلېكتر ئېنىرگىيىسىگە ئوخشاش، فوتو ۋولىتلىق توك چىقىرىشمۇ بىر خىل پاكىز ئېنىرگىيە سۈپىتىدە قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى چۆل - جەزىرىگە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. بۇ يىل 11 - ئايغا كەلگەندە ۋىلايەت بويىچە تورلاشتۇرۇلغان 12 فوتو ۋولت تۈرىنىڭ سىغىمى 245 مىڭ كىلوۋولتقا يەتكۈزۈلدى، يىل ئاخىرىدا 500 مىڭ كىلوۋولتقا يەتكۈزۈلمەكچى، كېلەر يىلى 1 مىليون كىلوۋولتلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ.

  قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ كۆمۈر، شامال ئېنىرگىيىسى ۋە قۇياش ئېنىرگىيىسىنى كۈچلۈك توك ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى بېسىملىق ۋە ئالاھىدە يۇقۇرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش لىنىيىسى ئارقىلىق خېشى كارىدورىنى بويلاپ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا توك يەتكۈزۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بولۇپمۇ دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ توك قىس بولۇش زىددىيىتىنى پەسەيتىپلا قالماي، قۇمۇل ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاللادىي ئوكسىد ۋە ئازوت ئوكسىدلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئىش ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ، دېگەندەك، شىنجاڭ بىلەن گەنسۇنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان قۇمۇل ۋىلايىتى تېز سۈرئەتتە مەملىكىتىمىزنىڭ ئېنىرگىيە بازىسىغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە، شامال گېنېراتورىنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش مەركىزى بولۇپ قالدى. 2011 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى قارمىقىدىكى خەيجۇاڭ شامال ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كەينىدىنلا جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى قۇمۇلدا شامال گېنېراتورىنىڭ قانىتىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شۇاڭرۈي شامال ئېلېكتر گېنىراتورى قانىتى چەكلىك شىركىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭدىن سىرت گەنسۇنىڭ دۈنخۇاڭدا زاۋۇتنى ئىجارىگە ئېلىپ شامال ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ياساش كارخانىسىنى قۇردى، بارىكۆلدە 200 مىڭ كىلوۋولتلىق شامال ئېلېكتر مەيدانى قۇردى.

  قۇمۇل ۋىلايىتى مول بايلىقى ۋە راۋان بولغان تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتناش شارائىتى بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە يەنىلا ھەر قايسى جايلاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىدىغان مۇھىم جاي بولۇپ قالىدۇ. قۇمۇل ۋىلايىتىدە ھازىر كۆلەملەشكەن مېتاللوئىد كارخانىسى 24كە يەتتى، ئۇلار يىلدا 3 مىليون توننا شارسىمان رودا، 3 مىليون 600 مىڭ توننا تۆمۈر ئۇۋىقى ئىشلەپچىقىرىدۇ، كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلىرى لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈريولى ئارقىلىق 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى، جيۇچۈەن پولات - تۆمۈر شىركىتى، شىنىڭ پولات - تۆمۈر شىركىتى قاتارلىق پولات - تۆمۈر كارخانىلىرىغا سېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 12 رەڭلىك مېتال كارخانىسى بار، ئۇلار يىلدا 20 مىڭ توننا مىس ئۇۋىقى، 15 مىڭ توننا نىكېل ئۇۋىقى، 10 مىڭ توننا سىنك ئۇۋىقى........ئىشلەپچىقىرىدۇ. شەرق، غەرپ ئىككى يۆنىلىشتىكى بازارلار بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا كۆز تىكىۋاتىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر