خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ياپونىيە، ئامېرىكا، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونى قۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 18-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوشەرقىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونىقۇرۇشتا قوغدىنىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، ئەگەرئالاقىدار دۆلەتلەر رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان بولسا، جۇڭگونىڭ تەدبىرىگە ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل مۇئامىلىدە بولۇپ، قۇسۇر تېپىپ، چاتاق تېرىماسلىقى كېرەك.
شۇ كۈندىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر «يېقىندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى، ئىچكى كابىنېت باش كاتىپى يوشى خىدى ئىلگىرى كېيىن بولۇپجۇڭگونىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونىقۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى كېررى فىلىپپىننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىدېل روسارىيو بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىزداقۇرغان ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونىنىئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دېل روسارىيو: جۇڭگو ئەمەلىيەتتە ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە ئايلاندۇرۇۋالماقچى دېدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟» دەپ سورىغاندا، خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: «ئالاقىدار زاتلارغا سۆز قىلىشتىن بۇرۇن ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونى دېگەن ئۇقۇمنى ئوبدان تەتقىق قىلىپ بېقىشنى، ھېچ بولمىغاندا، ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىمۇ، ئۇچۇشنى چەكلەش رايونىمۇ ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكچىمەن».
خۇا چۇنيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: ئۆتكەنبىر قانچە ھەپتىدىن بېرى، ئالاقىدار ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئۇچۇش پائالىيىتى ۋە تەرتىپى پۈتۈنلەي نورمال بولدى، ئاتالمىش رايون جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېگەن گەپنىڭقىلچە ئاساسى يوق، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونى ئەيىبلەپ،ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشتە باشقا غەرەز بار.
خۇاچۇنيىڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئالاقىدار تەرەپلەر ئويۇننىمۇ يېتەرلىك ئوينىدى،ئارام ئالىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. ئەگەردە ئالاقىدار دۆلەتلەر رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان بولسا، جۇڭگونىڭ تەدبىرىگە ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل مۇئامىلىدە بولۇپ، قۇسۇر تېپىپ، چاتاق تېرىماسلىقى كېرەك».(مۇخبىر جاڭ پېڭشيۇڭ، خاۋ يالىن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى