باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى قانۇنسىز سالغانلارنى بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ

2013.12.19 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى 24 - نويابىر قانۇنسىز سېلىنغان ئىمارەت، «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى سېتىش مەسىلىسىنى قەتئىي چەكلەش توغرىسىدا سىن يىغىنى ئېچىپ، قانۇنسىز سېلىنغان ئىمارەت، «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى سېتىش مەسىلىسىنى قەتئىي چەكلەشكە ئائىت خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بۇيرۇق چۈشكەن ھامان ئىجرا قىلىش، مەنئى قىلىنغان ھامان توختىتىش كېرەك. «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى داۋاملىق سېلىش ۋە سېتىشتەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى قەتئىي توختىتىش كېرەك. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ داۋاملىق پايدا ئېلىشنى چەكلەپلا قالماستىن يەنە، ئۇلارنى بەدەل تۆلەتكۈزۈش ھەم ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ھەم قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۈي دېمىڭ مۇنداق دېدى: جايلار ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى توغرا ئىگىلەپ، يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىشتا جەزمەن ئىشلىتىش يوللىرىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، يەر ئىشلىتىش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك، بۇ زۆرۈر ئالدىنقى شەرت.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى داۋاملىق سېلىش، سېتىش قىلمىشى ئېغىر دېلولاردىن بىر - ئىككىنى مىسال قىلىپ، بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، مۇشۇ قىلمىشتىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى ھەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ۋە تۇرالغۇ، شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى بىلەن بىللە، بۇ ئىشقا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كىرەك. «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي» تۈر قۇرۇلۇشىغا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىجازەتنامىسى، قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسى، سېتىش ئىجازەتنامىسى بەرگەنلەر، يەر ۋە ئۆي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىللە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى چىڭ تۇتمىغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلار تەۋەلىكىدىكى «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى قانۇنسىز سېلىش ۋە سېتىش قىلمىشىنى نۇقتىلىق ئېنىقلاپ ۋە تەكشۈرۈپ، تۈرلەرگە ئايرىپ ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا تۈركۈملەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىش ۋە چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى ۋاقتىدا چەكلەش كېرەك. سېلىنىۋاتقان ياكى سېتىلىۋاتقان «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى بالدۇر بايقاپ، چەكلەپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى سېلىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنىڭ يەنە سېلىنىشىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.

  [ ئالاقىدار خەۋەر ]

  مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى سېلىش، سېتىش ئەھۋالى ئازىيىش تۈگۈل يېقىندىن بۇيان كۈچىيىپ كەتكەن.

  گۇاڭجۇ شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھازىر، گۇاڭجۇ شەھىرىدە قانۇنسىز سېلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ كۆلىمى 100 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ، تەخمىنەن ئىككى ئېغىزلىق ئۆلچەملىك ئۆيدىن 1 مىليون يۈرۈش سېلىنغانغا باراۋەر. زىيارەت قىلىش جەريانىدا مۇخبىر گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىدا قانۇنسىز ئىمارەتلەرنى سېلىش توختىمىغانلىقىنى، مەمۇرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا قاتنىشىشى، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ قانۇنسىز سېلىنغان ئۆيلەرگە سەرپ قىلىنىشى، «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنىڭ داۋاملىق سېلىنىشى ۋە سېتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۈندىن - كۈنگە گەۋدىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك زېمىن بايلىقى ئىدارىسى بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرى جەمئىيەتكە ئالدىنقى يېرىم يىللىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئالتە جايدىكى «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەر ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى ئېلان قىلغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2012 - يىلى 6 - ئايدىن بۇيان، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى زېمىن بايلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شەھەردىكى سېلىنىۋاتقان ۋە سېتىلىۋاتقان «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي»لەرنى ئېنىقلاپ رەتكە سالغان.

  «خەلق گېزىتى»دىن ئېلىندى

  «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي» «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي» يېزا كوللېكتىپ يېرىگە سېلىنغان، يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى قاتارلىق ھەقلەر تۆلەنمىگەن، مۈلۈك ھوقۇق كىنىشكىسى دۆلەت ئۆي باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى يېزىلىق ھۆكۈمەت ياكى كەنت - ئاھالىلەر كومىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئۆينى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇ «يېزا مۈلۈك ھوقۇقىدىكى ئۆي» ياكى «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي» دەپ ئاتالغان. «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆي» قانۇن ئۇقۇمىغا ئىگە ئەمەس بولۇپ، كىشىلەر شۇنداق دەپ ئاتىۋالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر