باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 645-نومۇرلۇق دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى

2013.12.20 10:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر لى كېچياڭ يېقىندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 645-نومۇرلۇق دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى. بۇيرۇقتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ قىسمەن مەمۇرىي قائىدىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2013-يىلى 4-دېكابىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 32-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىمەن، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ قىسمەن مەمۇرىي قائىدىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يېقىن بولۇش ئۈستۈنلۈكىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدا ئىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، بازارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئىجاد قىلىشتىكى ھاياتى كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. 2013-يىلى 13-ئىيۇلدىكى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىكى 50 تۈرنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە 2013-يىلى 8-دېكابىر ئېلان قىلغان «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىگە چېتىلىدىغان مەمۇرىي قائىدىدىن 125نى ئېنىقلىدى. ئېنىقلاش ئارقىلىق، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 16 مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قائىدىسىنىڭ قىسمەن ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر