باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى: بۇ يىل پۈتۈن يىللىق ئىجتىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى %13 ئاشۇرۇلىدۇ

2013.12.19 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدىكى ئېلىمىزنىڭ سودا ھەرىكىتى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى ھەمدە شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى، يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  11-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم شۇ ئايدا 2 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 كۆپىيىپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئايلىق ئەڭ يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ياراتتى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن يىللىق ئىجتىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى %13 ئاشىدىكەن، كېلەر يىلى 1-پەسىلدە ئىستىمال ۋەزىيىتى يەنىلا ياخشى بولىدىكەن. تاشقى سودا جەھەتتە، 11-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئېكسپورتى تۇنجى قېتىم 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، %12.7 كۆپىيىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، روژدېستۋو بايرىملىق زاكاز ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشى، ئۆتكەن يىلقى ئاساسىي ساننىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سودا مىنىستىرلىقى شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ 2014-يىللىق ئەكس تەسىر ھېساباتى توغرىسىدا پىكىر ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى» قۇرۇلۇشى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا شېن دەنياڭ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى باسقۇچتا سودا مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ. بىر تەرەپتىن، ھازىرقى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى ۋە دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس يارىتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى ۋە دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدىكى كونكرېت ھەمكارلىق تەدبىرلىرىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر