باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا زىيارەت − قۇمۇل (3)

تارىخىي ئىزلاردىن غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئالاقىسىگە نەزەر

لى دۇڭمېي، جۇ بىيى، جانبېك جاۋدات

2013.12.19 15:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋىلايەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەمەت قۇمۇل مۇقاملىرىغا تەڭكەش قىلىنىدىغان چالغۇلارنى تونۇشتۇرماقتا.

  جۇبىيى فوتوسى

  كۈنبېگ، ئىۋىرغول، قامىل دېگەن يەر ناملىرى قۇمۇل دىياردىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى.

  غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارىسىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان قۇمۇل 2000 يىللار ئىلگىرىلا خەن سۇلالىسى بىلەن ھونلار كەسكىن تالاشقان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بولۇپ، «غەربىي يۇرتنىڭ بوغۇزى» دەپ قارالغان. جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە ۋە تارىختا مۇھىم رول ئوينىغان قۇمۇل تارىخىي كىتابلاردا ئۈزۈلمەي خاتىرىلىنىپ كەلگەن، شۇنداقلا چوڭقۇر تارىخىي ئىزلارنى قالدۇرغان.

  پات - پات ئۇچراپ تۇرىدىغان تۇرالار يىپەك يولىدىكى كارۋانلارغا ئۈمىد بېغىشلىغان. تۇرا ھەربىي ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئالاقە ۋە ئەشيا يۆتكەش يولىنى شەكىللەندۈرگەن، كۆپلىگەن تۇرا ھۆكۈمەت ۋە شەخسىي ئالاقە بىلەن ماڭغان كىشىلەر ھاردۇق ئالىدىغان، غىزالىنىدىغان ئۆتەڭ بولۇپ قالغان.

  1997 - يىلى شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، قۇمۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئەھمەد ياقۇپ مۇنداق دېدى: قۇمۇل ۋىلايىتىدە 63 جايدا تۇرا بار (بارىكۆل ناھىيەسىدىلا 70 تۇرا بار دېگەن قاراشمۇ بار ئىكەن) بولۇپ، قۇمۇل شەھىرى ۋە بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە كۆپرەك مەركەزلەشكەن.

  تۇرا 2013 - يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىدە يېڭىدىن قۇشۇلغان دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تۆت مەدەنىي يادىكارلىق ئورنىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ يىل دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 5 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى 12 تۇرانى رېمونت قىلدۇرغان. يېڭىدىن قوشۇلغان دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى بەچىر قەبرىستانلىقى، بارىكۆل ناھىيەسىدىكى شەرقىي بالبال جىلغىسى خارابىسى ۋە يۆگۇڭتەي غەربىي بالبال خارابىسىدىن ئىبارەت. 1995 - يىلى بەچىر قەبرىستانلىقىدىن شىمالىي يايلاق مەدەنىيىتىگە تەۋە «تاغ ئۆچكىسى» مىس ھەيكىلى چىققان، بۇ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا بايقالغان تارىختىن بۇرۇنقى مىس بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. «تاغ ئۆچكىسى» مىس ھەيكىلى بىلەن بىللە ساپال قاچا، مىس قاچا، تۆمۈر قاچا، ئالتۇن قاچا قاتارلىق دەپىن بۇيۇملىرى چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە ساپال قاچا ھەممىدىن كۆپ. بۇ قەبرە توپى جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر، غەربتىن شەرققە كەڭلىكى 500 مېتىر كېلىدىغان قاقاس تۆپىلىككە تارقالغان بولۇپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق قەبرىستانلىقتا ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىگە تەۋە 500 نەچچە قەبرە بارلىقى بايقالغان.

  قۇمۇل ۋاڭ قەبرىستانلىقى، قالغايتى بۇددا ئىبادەتخانىسى، لاپچۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقى، يانبۇلاق قەدىمىي قەبرىستانلىقى قاتارلىق ئورۇنلار قوشۇلسا، قۇمۇل ۋىلايىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن توققۇزغا يېتىدىكەن، نۇرغۇن خارابىلىك يىپەك يولىنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت تارقىتىشىنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدىكەن.

  قۇمۇل دۆربەجىن دېھقانچىلىق مەيدانى قالغايتى كەنتىدىكى قالغايتى بۇددا ئىبادەتخانىسى تاڭ دەۋرىدىكى بۇددا دىنى گۈللەنگەن مەزگىلدىكى چوڭ بۇددا دىنى يادىكارلىقى ئىكەن. تارىختا خاتىرىلىنىشىچە، قالغايتى بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋېي، جىن سۇلالىسى دەۋرىلىرىدىلا بار ئىكەنتۇق. تاڭ سۇلالىسى راھىبى شۈەنزاڭ قۇمۇلدىن ئۆتكەندە، بۇ يەردە ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ نوم تەپسىر قىلغان دېگەن قاراش بار ئىكەن.

  قۇمۇل ۋاڭ قەبرىستانلىقى قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىدىكى شەھەر ئىچى يېزىسى جىگدىلىك قۇدۇق كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، قەبرىستانلىق ۋە ھېيتگاھ جامائەسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. قەبرىستانلىقتا ئەسلىدە ياغاچ، تاش قۇرۇلمىلىق چوڭ - كىچىك ئالتە گۈمبەز بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ۋە ئاغىچىلىرى دەپىن قىلىنغان ئىكەن، ھازىر ئىككى گۈمبەزلا ساقلىنىپ قاپتۇ. بۇ ئىككى گۈمبەزدە ئىسلامچە ئۇسلۇب ئاساس قىلىنغان، شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ سەككىز تەرەپلىك ئوخشاش ئۆگزە ۋە موڭغۇلچە قالپاق شەكلىدىكى ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، موڭغۇل مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچراشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى.

  كارىز تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر دەرھال تۇرپاننى ئېسىگە ئالىدۇ. ئەھمەد مۇنداق دېدى: قۇمۇل ۋىلايىتىدە 339 كارىز بولۇپ، ھازىر 180 كارىزدا سۇ بار. 2010 - يىلىدىن باشلاپ كارىزنى قوغداش تۈرى يولغا قويۇلدى. 2012 - يىلى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 5 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتىر كېلىدىغان كارىز يېپىق ئۆستىڭى، تىك قۇدۇق ئاغزىنى پۇختىلىدى ۋە يېپىق ئۆستەڭنىڭ لېيىنى تارتىپ، لاتقىلارنى سۈزۈپ سۇنى سۈزۈلدۈردى.

  قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مۇزېي «دۇڭشىڭ» بازىرىنىڭ يېنىدا بولۇپ، بىر كورپۇس ئۈچ قەۋەتلىك ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت بىناسىنىڭ بىر قەۋىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن، بىرلا ئامبىرى ۋە ئىككى كۆرگەزمە زالى بار ئىدى، ئومۇمىي كۆلىمى 400 كىۋادرات مېترغىمۇ يەتمەيتتى. ھازىر 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان 7200 كىۋادرات مېتىرلىق ۋىلايەتلىك مۇزېي زىننەتلىنىۋاتىدۇ، كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى 4000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

  مۇزېينىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن فېڭ مۇنداق دېدى: مۇزېيدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ 90%تىن كۆپرەكى تارىختىن ئىلگىرىكى خارابىلىكلەردىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، خەن، تاڭ سۇلالىلىرىدىن كېيىنكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ناھايىتى ئاز، مۇزېيدا ساقلانغان سۈر ساپال ئىدىش، بۇت تەكچىسى، ھەيكەللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەل ئارىسىدىن يىغىۋېلىنغان. شەرق ۋە غەربنىڭ ئىقتىساد، سودا ئالاقىسىمۇ نۇرغۇن ئىزلارنى قالدۇرغان. قۇمۇلنىڭ مىسكەرچىلىك سەنئىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بەزىلەر بۇنىڭدىن مىس قوراللار شەرقتىن تارقالغان، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىدۇ.

  قۇمۇلدىن قېزىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا كېلىشتىن ئىلگىرى باشقىلارنىڭ يىپەك يولىنى بويلاپ ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بېرىش - كېلىش قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەن فېڭ مۇنداق دېدى: قارا دۆۋە يېزىسىدىن قېزىلغان دېڭىز قۇلۇلىسى دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن قۇمۇلغا كىرگەن بولۇپ، تارىختىن ئىلگىرىكى قۇمۇل بىلەن دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

  ئەگەر قۇمۇلدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىختىن ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۆپرەك ئىسپاتلايدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا قۇمۇلنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ ئادەتلىرى يېقىنقى زامان شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بىرىكىشىنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇمۇل ۋىلايەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەمەت ئەسرانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ۋىلايەت بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى تۈرىدىن بەشى (قۇمۇل مۇقامى، قۇمۇل چەشمىسى، قۇمۇل سەنىمى، كۆك مەشرىپى ۋە شىنجاڭ كۈيى)، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈردىن 29ى، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۈردىن 146سى بار ئىكەن.

  قۇمۇل غەربىي رايون مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ئۇچراشقان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇمۇل مۇقامى قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. تەڭكەش قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان سازلاردىن قۇمۇل غىجىكى، قۇمۇل راۋابى ۋە داپ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇمۇل مۇقامىدىكى ھەر بىر مۇقامنىڭ نامى باشقا مۇقاملارغا ئوخشىمايدۇ، باشقا مۇقاملاردا ئەرەب، پارس تىللىرى كۆپرەك قوللىنىلغان، قۇمۇل مۇقاملىرىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە نام بېرىلگەن.

  قۇمۇل مۇقامى 2005 - يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، قوغداش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان راسخوت شۇ يىلىدىكى 300 مىڭ يۈەندىن يىلمۇيىل كۆپىيىپ، ھازىر 1 مىليون 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى. 23 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قۇمۇل مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ كۆلىمى 4875 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تەشۋىقات، ئورۇنداش، تەتقىقات، ئارخىپ ئاسراش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن.

  بىز قۇمۇلدا زىيارەت قىلىۋاتقاندا، كىشىلەر قۇمۇل كۆك مەشرىپىنى باشلاش ئۈچۈن تۇنجى قارنىڭ يېغىشىنى ساقلاۋاتقان ئىكەن. بۇ بىر خىل ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پائالىيىتى بولۇپ، مەشرەپتە ئويۇن، مۇقام، ناخشا - ئۇسسۇل قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن. «كۆك» ئۇيغۇر تىلىدا باھار، ھاياتلىق دېگەن مەنەلەرنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، قىشتىكى تۇنجى قار ياغقاندا مەشرەپنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، ھەممە ئۆيلەر شادلىققا تولىدۇ، بۇ مەشرەپ ئىككىنچى يىلى 21 - مارت، يەنى نورۇز بايرىمىغىچە داۋاملىشىدۇ. مەشرەپتە باھار ۋە يېشىللىق مەدھىيەلىنىدۇ، كىشىلەرگە خۇشاللىق ۋە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر