باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2013.12.19 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 16-دېكابىر، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس خادىمى سەيسىلىيا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتكە بېرىشىدا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىشىم ئىمزالىغان. شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىرگە يەنە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ كېتىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالىغان.

  بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچ يىلدىن ئۈچ يېرىم يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىشتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. شۇنىڭغا ماس ھالدا، ئىككى تەرەپ بىر ۋاقىتتا يەنە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى قايتۇرۇۋەتكەن تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغان. ئۇزۇندىن بۇيان، تۈركىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپاغا بېرىشتىكى ئۆتكۈنچى يولىغا ئايلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تۈركىيە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ زور مىقداردا ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپاغا بېرىشىغا بىر قەدەر قاتتىق بولغان ۋىزا چەكلىمىسىنى يولغا قويغان. بۇ كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر دۆلەت ئارقىلىق ياۋروپاغا كىرگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش مەجبۇرىيىتى بار بولىدۇ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سۆھبىتى مەزگىلىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەنگلىيە ۋە ئىرلاندىيەدىن باشقا 26 ئەزا دۆلەت، تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ياكى قىلماسلىقنى ئاۋازغا قويغان.

  16-دېكابىر، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغاننىڭ «ئابىدە» دېگەن بۇ سۆزىنى ئىشلىتىپ، بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىنى سۈپەتلىگەن. ئەردۇغان كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ياۋروپاغا بېرىپ ساياھەت قىلىشتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا ئەردۇغان يەنە، تۈركىيەنىڭ ئەمدى قايتا ئەمگەك كۈچى چىقىرىدىغان دۆلەت بولمايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىدىن، بۇ يەرنىڭ ھازىر خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ نىشانى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى، تۈركىيەنىڭ مەيلى تارىختا ياكى جۇغراپىيىۋى ئورۇندىن بولسۇن، ياۋروپا بىلەن چوڭقۇر مەنبەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيە خەلقى بىلەن ياۋروپا خەلقىنىڭ باردى-كەلدىسىنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس خادىمى سەيسىلىيا يىغىندىن كېيىن، كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ ئىككى تۈرلۈك كېلىشىمنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى گراژدانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش-كېلىشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  تۈركىيە 1987-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشكە ئىلتىماس سۇنغان، 2005-يىلى ئىتتىپاققا كىرىش سۆھبىتى رەسمىي باشلانغان، لېكىن بۇ جەرياندىكى قەدەم ئىنتايىن ئاستا بولغان. ئارلىقتا ئۈچ يىل توختاپ قالغاندىن كېيىن، تۈركىيە بۇ يىل نويابىردا ئىتتىپاققا كىرىش سۆھبىتىنى قايتا باشلىغان. ئارلىقتا بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش كېلىشىمى ئىمزالانغان. بۇ ئىتتىپاققا كىرىش يولىدا ئەگرى-تۇقايلىقلارغا ئۇچرىغان تۈركىيە ئۈچۈن شۈبھىسىز پايدىلىق خەۋەر. تۈركىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارمۇ «تارىخى خاراكتېرلىق» دېگەن سۆز بىلەن بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىنى سۈپەتلىگەن.

  ئەمەلىيەتتە، بەزى جامائەت پىكىرلىرى 2014-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاققا كىرىشى ئۈچۈن ھالقىلىق بىر يىل بولىدۇ دەپ قارىغان. 2014-يىلىنىڭ بېشىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان بېلگىيەنى رەسمىي زىيارەت قىلىدىغان ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئاندىن، فرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندىمۇ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئوبزورىدا، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە تۈركىيەنىڭ يېڭى يىلدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ماھىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ دەپ قارىغان.

  بىراق يەنە بەزى تەھلىلچىلەر، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاققا كىرىشىدە يەنىلا سپرۇسنىڭ زېمىن تالاش-تارتىش مەسىلىسى، ئۆزىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىقلاردىمۇ ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان «سىغىشالماسلىق»ى مەۋجۇت، ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارىتا گۇمانى بار. تۈركىيە ئەگەر بۇ ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىسا، ئىتتىپاققا كىرىش يولىدا قەدىمىنى تېزلىتىش ياكى تېزلىتەلمەسلىكىنى يەنىلا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ دەپ قارىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر