باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان دېپلوماتىيە ئەمەلدارىنى ھاقارەتلىگەن ئامېرىكىدىن ئۆچ ئالماقتا

2013.12.20 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ 17-دېكابىر توسالغۇ تازىلاش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى يولغا قويۇلغان سېمونت توسالغۇلارنى تازىلىدى. ھىندىستان تاراتقۇسىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەرىكەت ناھايىتى ئېنىقكى ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى ھاقارەتلەش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىكەن.

  بۇ سېمونت توسالغۇلار ئەسلىدە ئاپتوموبىل ئېقىمى ۋە ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى چەكلەپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئامانلىق قوغداش ئەھۋالىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىرلەرنىڭ بىرسى ئىكەن.

  خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان بىر قىسىم دىپلوماتىك ھۆرمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. مەسىلەن، ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ھىندىستان ئايرودرومىدىكى دىپلوماتىك ئالاھىدە يولىنى ئىشلەتمەسلىك، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆزى ئىشلىتىدىغان بۇيۇم ئىمپورت قىلىدىغان تاموژنىدىن ئۆتۈش ئىلتىماسىنى بېجىرمەسلىك دېگەندەك. ھىندىستان تەرەپ يەنە ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دىپلوماتىيە خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاپىئاتلىرىغا تەمىنلىگەن ئالاھىدە سالاھىيەت كىنىشكىسىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولدى ھەمدە ئامېرىكا تەرەپتىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ھىندىستانلىق خادىملارنىڭ ئىش ھەققى ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ھىندىستان تاراتقۇسىنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان تەرەپنىڭ بۇ ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرى ئېنىقلا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى كوبراگادىنىڭ ھاقارەتلىنىش ۋەقەسىگە قارىتىلغان. ئامېرىكا تەرەپ كوبراگادىنى ساختىلىق قىلىپ خىزمەتچىسىگە ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىپ بەرگەن ھەمدە خىزمەتچىسىنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغان دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرغاندىن كېيىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلدى.

  بۇ ئىش ھىندىستاندا كۈچلۈك غەزەپ قوزغىدى. ھىندىستان تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىنى «قەبىھ ۋە قوپال» دەپ ئەيىبلىدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەرەپكە بۇ توغرىسىدا رەسمىي نارازىلىق بىلدۈردى، بىر قىسىم ئەمەلدارلار يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر