باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئاممىسى مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىغا نارازى بولدى

2013.12.19 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلىدا يېقىندا «كۈچلۈك قارشى تۇرىمىز» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىغا نارازى بولۇش سەۋەبلىك ئابى شىنزونى قوللاش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

  ياپونىيەدە يېقىندىن بۇيان ئاممىنىڭ سىياسىي سەھنىدىكى رەھبەرلەرگە بولغان باھاسى ئومۇميۈزلۈك ناچار بولۇپ كەلدى. ئەمما ئابى شىنزو بىر يىل ئىلگىرى يەنە بىر قېتىم ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغاندىن بۇيان، ئۇنى قوللاش نىسبىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئىزچىل بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى ياپونىيە ئاممىسى ئابى شىنزوغا بىر قەدەر رازى بولدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆز سىياسىتى ئارقىلىق ياپونىيە ئىقتىسادىنى پۇل پاخاللىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقىدىن ئىنتايىن رازى ئىدى. ئەمما ياخشى ئەھۋال ئۇزۇنغا بارمىدى؛ 6-دېكابىر، ياپونىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتقا مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىنى مەجبۇرىي ماقۇللاتتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلارنى جازالاش كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ كەينىدىن ئابى شىنزونى قوللاش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئابى شىنزو تۇنجى قېتىم ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، 2007-يىلى بىر يۈرۈش خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. ھازىر، ئۇنىڭ ئىستىقبالى يەنىلا قاراڭغۇلاشتى، بۇ ئابى شىنزونىڭ 2-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم بۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچرىشىشى.

  پارلامېنتنىڭ يۇقىرى پالاتاسىنىڭ مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىغا ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش ۋاقتى جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىزدا ھاۋا موداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.بۇ ئابى شىنزونىڭ نەزەرىيەسىگە ياپونىيە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك دەپ دەستەك بولۇپ بەردى، ياپونىيەنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا ياپونىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ئەسكەرلىرى ئىنتايىن كۆپ مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى دەپ رەنجىدى. بۇ يېڭى قانۇنغا ئاساسەن دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىسا تېخىمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ، ئىلگىرىكى بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا تارتىلىدۇ. ئاممىنىڭ مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىغا بولغان قارشى ئاۋازى ئالاھىدە كۈچلۈك بولدى، ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەردىن گەز سۆزلەرنى قامال قىلىۋېلىشتىن ئەمدىشە قىلىدىغان تاراتقۇلارغىچە ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

  خەلق رايىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئابى شىنزونى قوللاش نىسبىتى بىر ئاي ئىچىدە تەخمىنەن %10 تۆۋەنلىدى، نۆۋەتتە %50 تىن تۆۋەن بولدى. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرىگە نىسبەتەن، بۇ قوللاش نىسبىتى ئانچە تۆۋەن ھېسابلانمايدۇ، ئەمما ئابى شىنزونى قوللاش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەيدىغان بولسا، جەزمەن مەسىلە تۇغۇلۇشى مۇمكىن. مەخپىيەتلىكنى قوغداش قانۇنى بىخەتەر ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئابى شىنزو مۇشۇ ھەپتىدە مەن مەخپىيەتلىكنى قوغداش قانۇنىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك ئىدى، دەپ ئېتىراپ قىلدى. مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىنىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن يەنە بىر يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ جەرياندا قارشى تۇرۇش پىكىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن يوقىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ھۆكۈمەت مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كۆپ ساندىكى ئامما مۇناسىۋەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ساھەدە دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇن بەلگىلىمىسىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

  ئەمما، قارشى تۇرۇش ئاۋازى سولچىللاردىنلا ئەمەس، بەلكى ئاساسىي ئېقىمدىكى ئاممىدىنمۇ كەلدى. ياپونىيەدە دوختۇرلار ۋە چىش دوختۇرلىرى قەتئىي كونسېرۋاتىپلار، ئەمما 5-دېكابىر، بەزى دوختۇرلار ۋە چىش دوختۇرلىرىمۇ بىرلىشىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىغا ئاشكارا قارشى تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 31 ئالىم مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياپونىيە دېموكراتىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارىدى. كىنو فىلىم ئىشلىگۈچى، ئارتىس ۋە يازغۇچىلاردىن بولۇپ 250 دىن ئارتۇق كىشى مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيە كىيوتو ئاگېنتلىقى قوزغىغان خەلق رايى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئاممىسى ئىچىدە، بەشتىن تۆتى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى ياكى بۇ قانۇننى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

  ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەسلىدە تەنقىدى ئاۋازلارنى يەنىمۇ پەسەيتەلەيتتى. مەخپىيەتلىكنى قوغداش قانۇنى ماقۇللانغان ئاخىرقى باسقۇچتا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى قانداق ئىشنىڭ دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى دەپ، بېكىتىلىدىغانلىقىنى مۇستەقىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ۋەدە بەردى. مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىنىڭ قاپلاش دائىرىسى جەھەتتە، كابىنېت ۋەزىرلىرى ئارىسىدا ئاشكارا ئىختىلاپ مەۋجۇت ، بۇ مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بولدى. ھۆكۈمەت بىر يۈرۈش يېتەكچى پرىنسىپ تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاراتقۇلار مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىغا دەخلى تەرز يەتكۈزمىگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا خەۋەر بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، كەينىدىن ھۆكۈمەت بۇ ئويىدىن يېنىۋالدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىشىبا شىگىرۇ بلوگىدا ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئاممىنى تېررورچىلارغا ئوخشاتتى، بۇ زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

  نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئابى شىنزو مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتنى سۇسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى مۇمكىن . مەركەزنى ئىقتىسادىي كۈن تەرتىپكە قارىتىشى مۇمكىن . ئەمما ئۇ يەنە كېلەر يىلى ياپونىيە ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تىنچ مەيدانىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىتتىپاقدىشىغا ياردەم بېرىشىگە يول قويماقچى. بۇنىڭدىن سىرت، ئابى شىنزونىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى شۇكى ئامېرىكا 1946-يىلى ياپونىيە ئۈچۈن تۈزگەن تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنى قايتىدىن يېزىپ، ئۇنى تېخىمۇ مۇتەسسىپلەشكەن، زور دەرىجىدە چېكىنگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش. ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىنغان مەخپىيەتلىكنى قوغداش يېڭى قانۇنىغا ئوخشاش بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ ئابى شىنزونى قوللاش نىسبىتىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر