باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە نېمىشقا ئاكتىپ ئەسكەر ئەۋەتىدۇ؟

2013.12.20 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بانجىدا مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ 400 ئادەم قازا قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن يېقىندا فىرانسىيە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە ئەسكەر ئەۋەتتى، ئۇلار شۇ يەردىكى ئافرىقا تىنچلىقنى قوغداش قىسمىغا ياردەملىشىپ بىخەتەرلىك ۋە تەرتىپنى ئەسىلىگە كەلتۈرىدۇ، ھەر قايسى قورالللىق گۇرۇھلارنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.

  11-دېكابىر كەچتە، فىرانسىيە پىرېزىدنتى ھوللاندى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق پىرېزىدنتى ماندىلانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە كېلىپ، بانجىدا قىسقا ۋاقىت تۇردى. ئۇ ئۇرۇشتا قازا قىلغان ئىككى فىرانسىيە ئەسكىرىگە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا فىرانسىيە قىسمىغا مەدەت بېرىپ، ئۇلاردىن خەتەرلىك ۋەزىپىنى شۇنداقلا بۇرچىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  فىرانسىيە بۇ خىل ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنەن نېمىشقا ئارىلىشىدۇ؟

  بىرىنچىدىن بۇنى بىز 1994-يىلى روۋاندادا يۈز بەرگەن بىر قىرغىنچىلىقتىن باشلايمىز. بۇ تەشكىللىك ئېرقى قىرغىنچىلىقتا جەمئىي 800 مىڭ ئادەم قازا قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن، فىرانسىيە قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرى بۇ ۋەقەنى توسۇش جەھەتتە ئاستا ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. شۇنىڭدىن كېيىن فىرانسىيە ئۆزى ئاتىۋالغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئارىلىشىش ھەرىكىتىدە ئاكتىپلىشىپ كەتتى. كوتېدىۋا، مالى، ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ھەربىي ئارىلىشىشتا فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، فىرانسىيە ئوتتۇرا ئافرىقىغا ئەسكەر ئەۋەتكەندە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى چوقۇم ئويلاشتى. ئوتتۇرا ئافرىقىنى ئىلگىرى فىرانسىيە مۇستەملىكە قىلغان. بۈگۈنگىچە ئۇ يەردە نۇرغۇن فىرانسىيە مۇھاجىرلىرى. ئۇ يەردە ئادەم ئاز لېكىن يەر كەڭ، بايلىق مول. ھازىرغىچە بايقالغان ئېچىشقا بولىدىغان بايلىقتىن ئۇران، بىللىيارد، ئالتۇن، ياغاچ قاتارلىقلار بار. ئوتتۇرا ئافرىقىنى كونترول قىلىش بۇ بايلىقلارنى كونترول قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ.

  ئۈچۈنچىدىن، فىرانسىيە ئوتتۇرا ئافرىقا ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. فىرانسىيە ئوتتۇا ئافرىقا بىلەن چېگرالىنىدىغان چاد، كامېرون، كونگو بىرازىۋىل، كونگو كىنشاسالاردىن زور مەنپەئەتلىنىدۇ. بۇ دۆلەتلەر مول نېفىت ۋە كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا ئىگە. ئوتتۇرا ئافرىقا بىلەن چېگرالىنىدىغان چادنىڭ جەنۇبىدا مول نېفىت بايلىقى بار. ئەگەر مالىمانچلىق بۇ جايلارغا تەسىر كۆرسەتسە، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچە ئالغان غەرب ئەللىرىدىكى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان بولىدۇ. بۇندىن باشقا، فىرانسىيە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى مالىمانچىلىقنىڭ شىمالىي ئافرىقا ۋە غەربىي ئافرىقىدىكى ئەسەبىي ئىسلام كۈچلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. فىرانسىيەگە نىسبەتەن، بالدۇر ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ خىل ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ ياخشى چارە ھېسابلىنىدۇ. يۇقارقى ھەرخىل سەۋەبلەردىن فىرانسىيە ئەسكەر ئەۋەتىشتە ئىنتايىن ئاكتىپ بولدى، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپلا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، فىرانسىيە ئوتتۇرا ئافرىقىغا دەرھال ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى مالىمانچىلىقنى توسۇشقا باشلىدى.

  بىراق فىرانسىيەنىڭ سىياسى ساھەسىدىكى نۇرۇغۇن كىشى بۇ قېتىمقى قىزىل كېپىنەك ھەرىكىتى قىيىن ۋەزىپە دەپ ھېسابلىدى. سېرىكا تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەزالىرى 20 مىڭغا يېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى ئۆتكۈنچى ھاكىمىيەتتىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە قاتناشقان. قالغان بىر قىسمى ئۆز ئالدىغا بىر ئىش قىلغان. فىرانسىيە ئەسكەر چىقارغاندىن كېيىن، سېرىكانىڭ بۇرۇنقى ئەسكەرلىرى قورال تاشلاشنى خالىمىغان. فىرانسىيە ئەسكەرلىرى ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۇلار بىلەن كۆپ قېتىم ئېتىشقان. قازا قىلغان ئىككى فىرانسىيە ئەسكىرىمۇ بۇ خىل ئېتىشىشتا جېنىدىن ئايرىلغان. سېرىكانىڭ ئەسكەرلىرىدىن باشقا ئوتتۇرا ئافرىقىدا سابىق پىرېزىدنت بوزىزنى قوللايدىغان خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىمۇ بار. ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇشقىمۇ خىلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. بۇندىن باشقا، فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى بانجىغا مەركەزلەشكەن. پايتەختتىن باشقا جايلارغا تېخى ئەسكەر ئەۋەتمىدى. قىسقىغىنە 4-5 ئايدا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس.

  تۆتىنچىدىن، ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ تارىخىدا خىرىستىيانلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ماجراسى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. سېرىكا تەشكىلاتىنىڭ كۆپ قىسىم ئەسكىرى مۇسۇلمان. ھازىر بانجىدا خىرىستىيانلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلاردىن ئۆچ ئېلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ. تىنچلىقنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئىككى تەرەپنىڭ زىدىيىتىنى قانداق ھەل قىلىش، دىن ۋە قەبىلە توقۇنىشىنىڭ يۈز بېرىشىنى قانداق توسۇش ئىنتايىن قيىن ۋە مۇرەككەپ مەسىلە. بۇنىڭغىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر فىرانسىيە قىسمى ئايرىلسىلا ئارقىدىن دىن جەھەتتە ئۆچ ئېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرسە، ئۇنداقتا بۇ قېتىمى ئەكسەر ئەۋەتىش ھەرىكىتىنى غەلبىلىك بولدىن دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

  بەشىنچىدىن، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش كېرەك. مالىمانچىلىق پۇقرالارنىڭ مۇساپىر بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى. بانجى ئايرودۇرۇمىغا 10 مىڭ مۇساپىر يىغىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئافرىقىدا 4 مىليون كىشى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە مۇھتاج دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر