خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 16-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت باشلىقلىرىنىڭ 14- يىغىنى ئېچىلدى. يىغىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6- يىغىنىنى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى.
كومىتېت باشلىقلار يىغىنى، دائىمىي كومىتېتنىڭ 6- يىغىنىدا مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشنى تەكلىپ قىلدى؛ گوۋۇيۈەن قاراپ چىقىشقا سۇنغان «گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمىسى»نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپى، تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىدۇ؛ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى