باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كادىرلار دەپنە ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك

2013.12.20 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دەپنە ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن دەپنە ئىشلىرىنى مەدەنىي، تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشتە، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك دەپنە قىلىشتا، نەزىر-چىراغنى مەدەنىي، تۆۋەن كاربونلۇق ئۆتكۈزۈشتە باشلامچى بولۇپ، دەپنە ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق ۋە تەشەببۇس قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ نوپۇس-بايلىق زىددىيىتىنى پەسەيتىش، يىپيېڭى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىسلىتىنى ساپلاشتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  دەپنە ئىسلاھاتىنىڭ قىيىنلىقى ئەنئەنىۋى، كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن ئۆرپ-ئادەت ئومۇمەن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ ئىلگىرىلەيدۇ. جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم-ھۆكۈمەتلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ باشلامچى بولۇشى نەتىجىسىدە، ئېلىمىزنىڭ دەپنە ئىسلاھاتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. دەپنە ئىشلىرىنى مەدەنىي، تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناشتى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى جايلاردىكى ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ھەتتا ئايرىم رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە «باشلامچىلىق بىلەن» خىلاپلىق قىلىپ، دەپنە ئىشلىرىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۇل-مال توپلاپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ، بەزى جايلاردا ناچار دەپنە ئادەتلىرى ۋە فېئودال خۇراپاتلىقنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆمۈپ دەپنە قىلىش، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىش، ئۆزئارا بەس سېلىشىش، دەپنە ئىشلىرىدا ھەشەمەتچىلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەر ھادىس جەھەتتىن مەنىۋى چۈشكۈنلۈك ۋە تەرەققىيات ئېڭىنىڭ چېكىنىشى بولسا، ماھىيەت جەھەتتىن دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى «باش ئۈزچاتى»نىڭ ئۇپراپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر نۇقسان يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر