باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلار ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2013.12.20 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى 19-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئىسلاھات پايدىسى ۋە ياخشى سىياسەتلەردىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلار ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسى 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئېچىۋېتىش سەھنىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، چېگرا بويىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد-تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش جېڭى ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەر ھەققىدە پائال ئىزدىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش جېڭى ئارقىلىق رايون تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېلەر يىلى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ۋە مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش لازىم.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر