باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ يىلدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جامائەت مۇلازىمىتى مۇنبىرى قۇرۇپ چىقىدۇ

2013.12.19 15:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇانىڭ 17 - دېكابىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جامائەت مۇلازىمىتى مۇنبىرى تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ يىلدا مەركىزىي مۇنبەرنى ئاساس قىلغان، سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كۆزنىكى مۇنبىرى ۋە كەسىپ مەركەزلەشكەن 18 كۆزنەك مۇلازىمىتى مۇنبىرىنى نۇقتا قىلغان، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، مۇلازىمەتتە ماسلىشىدىغان، ئاپتونوم رايونىمىزنى قاپلايدىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جامائەت مۇلازىمىتى مۇنبىرى تورىنى قۇرۇپ چىقىدىكەن.

  ئاپتونوم رايون پىلان بويىچە كېلەر يىلى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جامائەت مۇلازىمىتى مەركىزىي مۇلازىمەت مۇنبىرىنى قۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بەشكىچە ئۇنىۋېرسال كۆزنەك مۇلازىمىتى مۇنبىرى، 12 كەسىپ توپى رايونى كۆزنەك مۇنبىرى بار ئىكەن. 2015 - يىلىغىچە مەركىزىي مۇلازىمەت مۇنبىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۈچتىن بەشكىچە ئۇنىۋېرسال كۆزنەك مۇلازىمىتى مۇنبىرى، ئالتە كەسىپ توپى كۆزنەك مۇلازىمىتى مۇنبىرى قۇرۇلىدىكەن.

  2016 - يىلى مەركىزىي مۇنبەر بىلەن 26 كۆزنەك مۇنبەر ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جوۋ چاۋ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جامائەت مۇلازىمىتى مۇنبىرى تورىغا زور مىقداردىكى مۇلازىمەت بايلىقى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق تەربىيەلەش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئۇچۇر، تېخنىكا، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا، ئىشچى ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنى ئېچىپ، تىجارەت بېسىمىنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي شياڭچۈن مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جامائەت مۇلازىمىتى مۇنبىرى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىغا ئوخشايدۇ، ئۇچۇر راۋان، ئىقتىدارى مۇكەممەل، مۇلازىمىتى ماسلاشقان، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئۇدۇللاشقان بىرقەدەر كۈچلۈك ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇلازىمىتى سىستېمىسى تايانچ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە چەكلىك بايلىقىغا تايىنىپ تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى مۇنبىرى قۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى «تاپالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان، كاپالەتلەندۈرەلەيدىغان» جامائەت مۇلازىمىتى مۇنبىرى بىلەن ھەقىقىي تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر