باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىنودېن بىرازىلىيەدە سىياسىي پاناھلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

2013.12.18 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرازىلىيەدە چىقىدىغان سانپاۋلو گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر رۇسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئامېرىكا پىرىزما ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋەقەسىنى پاش قىلغۇچى سىنوۋدېن يېقىندا بىرازىلىيەگە: ئامېرىكىنىڭ ئاخباراتنى نازارەت قىلىش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىش بەدىلىگە، بىرازىلىيەدە سىياسىي پاناھلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  بۇ گېزىت شۇ كۈنى سىنودېننىڭ بىر پارچە خېتىنى ئېلان قىلدى. سىنودېن خېتىدە مۇنداق دېگەن: مەن مەلۇم دۆلەتتە مەڭگۈلۈك پاناھلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانغا قەدەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مېنىڭ سۆز قىلىشىمنى كۈچىنىڭ بارىچە چەكلەيدۇ. سىنودېن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن بىرازىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى مېنىڭدىن ياردەم سوراۋاتىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرىغا قاراتقان ئوغرىلىقچە ئاڭلاش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر مەن مۇۋاپىق، قانۇنلۇق شەكىل بىلەن ياردەم بېرەلىسەملا، ياردەم بېرىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر