باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىلىق يارىتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ كارخانىنى جانلاندۇرۇش

دۇڭ شاۋخۇا

2013.12.18 15:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭتەي گۇرۇھى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى

  شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى جاۋ يۇڭلۇ 17 – دېكابىر مۇنداق دېدى: 2 – دېكابىر جۇڭتەي گۇرۇھى بىلەن نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش ھەمكارلىق بازىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېسىلغاندىن بۇيان، سىمابسىز كاتالىزاتور ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش ھەمكارلىق تۈرى سۈپىتىدە نەق مەيداندا قۇراشتۇرۇپ سىناق قىلىنىپ ئۈنۈمى ياخشى بولدى، ھازىر سانلىق مەلۇماتى ھەرىكەت ھالىتىدە يەنىمۇ ئىز قوغلاپ كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يىل 10 – ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە نىڭشيا جىنخەي پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىمىيە سانائىتى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى تۆۋەن سىمابلىق كاتالىزاتور سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭتەي گۇرۇھى مەملىكىتىمىزدىكى خلور – ئىشقار كەسىپلىرىنىڭ تۆۋەن سىمابلىق كاتالىزاتور ئىشلىتىشى جەھەتتە باشلامچى بولۇپ، تۆۋەن سىمابلىق بۇلغىما چىقىرىش ۋە سانائەتلەشتۈرۈپ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشتا تىرىشىپ ئۈلگە تىكلەپ، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ خلور – ئىشقار كەسپىنىڭ تۆۋەن سىمابلىق بۇلغىما چىقىرىش نىشانىغا مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن يەتتى.

  سابىق شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ دېھقانچىلىق دورىلىرى زاۋۇتىدىن كۆيدۈرگۈچى ئىشقار زاۋۇتى ۋە خلور – ئىشقار زاۋۇتىغىچە، ئاخىرىدا جۇڭتەي خىمىيە سانائىتى شىركىتىگىچە بولغان بۇ ئۆزگىرىش جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ تىپ ئۆزگەرتىشتىن ئېرىشكەن تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. جاۋ يۇڭلۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلالىشى، ئوخشىمىغان دەۋردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق ياراتقانلىقى ۋە تىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتكەنلىكىدىن بولۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پېيىنى كونترول قىلغان، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قوللايدىغان بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرغۇچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭتەي گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ مول كۆمۈر، ئېلېكتىر، تۇز، ھاك تاش قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلىرىغا تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كۆمۈر، ئېلېكتىر، خىمىيە سانائىتىنى بىر گەۋدە قىلغان ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئۇدا ئون يىلغىچە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40تىن ئاشۇرۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى خلور – ئىشقار كەسىپلىرى بويىچە 1 – ئورۇنغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، كالتسىي كاربىد، ھاك، يىرىك تۇز، خىمىيە سانائىتى، مېتاللۇرگىيە، قەغەزچىلىك، تىرانسپورت قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  جاۋ يۇڭلۇ مۇنداق دېدى: كەسكىن بازار رىقابىتى ۋە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بازار ۋەزىيىتى ئالدىدا، گۇرۇھىمىزدىكى يۇقىرى – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ‹‹تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش››تىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىنىڭ ماھىيىتى ۋە تەلىپىنى ئىگىلەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىنى ئاكتىپ ياخشىلاپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆلەمنى كېڭەيتىش تىپىدىن سۈپەت ۋە ئۈنۈم تىپىغا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىرىك تەرەققىياتتىن تۈجۈپىلەشكەن تەرەققىياتقا يۈزلەندۇق.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭتەي گۇرۇھى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چۆرىدەپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى، تېخنىكا مەركىزى بازار ۋە تېخنىكىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ دېۋىرقاي ياساش تېخنىكا تەييارلىقىنى تاماملىدى، CVPC، EPC ، ئالاھىدە يېلىم مەھسۇلاتى، كالتسىي كاربىدلىقCVP نى غەربىي رايوندا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىپنى ئۆزگەرتىدىغان تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈر گازى، كۆمۈر ئېتىلېن گىلىكول، كۆمۈر ئولېفىن پولۋىنىل خىلورىد،CVP نى ئىنچىكە پىششىقلاش، نىتراتسىزلاشتۇرۇلغان كاتالىزاتور، پۇراقلىق ئالكانلار، ئېتېن مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، گۇرۇھنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  جاۋ يۇڭلۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، گۇرۇھىمىز بۇ يىل فۇكاڭ سانائەت رايونىدا تەتقىقات تەجرىبە بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، كارخانىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى. بۇ يىللىق پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى 510 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئۇنىڭ 330 مىليون يۈەنىنى يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىش، ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سەرپ قىلىپ، 26 تۈرلۈك پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كەشپىيات پاتېنتى ئالتە.

  جۇڭتەي گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ شىن مۇنداق دېدى: جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ ‹‹13 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرىغىچە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا ئاساسەن، زامانىۋى سودا، پۇل مۇئامىلە، ئەشيا ئوبوروتى مۇنبىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلاپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر