باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

113 مەركەز كارخانىسى شىنجاڭ قاتارلىق 3 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ

2013.12.18 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، چىڭخەي ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق 3 رايوندىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 12-ئايدىن كېلەر يىلى 3-ئايغىچە، دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، مائارىپ مىنىستىرلىكى، دۆلەت بايلىق كومىتېتى بىرلىكتە 3-نۆۋەتلىك مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرىقى 3 رايوندىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس قۇبۇل قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىش ئوبيېكت دائىرىسى يۇقىرىقى 3 رايوندىكى 2014-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئوقۇش ئارخىپى يۇقىرىقى 3 رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن نوپۇسى يۇقىرىقى 3 رايوندا بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرىقى 3 رايون ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دوڭفېڭ رايونىدىكى ئىلگىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشسا بولىدىكەن.

  مەخسۇس قوبۇل قىلىش پائالىيىتى توردا قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، شىنجاڭ قاتارلىق 3 رايونمۇ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن نەق مەيداندا قوبۇل قىلىش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىپ بارسا بولىدۇ. 113 مەركەز كارخانىسىمۇ يۇقىرىقى 3 رايون ۋە ئۇنىڭغا يانداش رايونلاردىكى ئىش ئورنىنى ئاساس قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرى يۇقىرىقى 3 رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تور بېكىتىدە، ھەم جۇڭگو دۆلەتلىك ئىقتىساسلىقلار تورى، مەملىكەتلىك ئاممىۋىي قوبۇل قىلىش تورى، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاممىۋىي مۇلازىمەت سترولۇق سۇپىسى قاتارلىقلاردا ماس قەدەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر