باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن سۈت تالقانلىرىنىڭ ئىمپورت بېجى كېلەر يىلى تۆۋەنلىتىلىدۇ(1)

2013.12.18 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېلەر يىللىق تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ، بوۋاقلارغا ئىچۈرىلىدىغان پارچە سېتىلىدىغان ئورالمىلىق سۈت تالقىنىنىڭ ۋاقىتلىق باج نىسبىتى %5 قىلىپ بېكىتىلىپ، ئەڭ ئېتىبارلىق دۆلەت باج نىسبىتىدىن خېلىلا تۆۋەنلىدى.

  كېلەر يىلى يىلدىن تارتىپ، ئېلىمىز ئىمپورت، ئېكسپورت تاموژنا بېجىنى قىسمەن تەڭشەيدۇ. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتى 16-دېكابىر 2014-يىللىق تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ، ئېلىمىز 767تۈرلۈك ئىمپورت تاۋىرىدىن ئەڭ ئېتىبارلىق دۆلەت باج نىسبىتىدىن تۆۋەن بولغان يىللىق ئىمپورتنىڭ ۋاقىتلىق باج نىسبىتىنى يولغا قويىدۇ، ئوتتۇرىچە ئېتىبار نىسبىتى %60 كە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بوۋاقلار سۈت تالقىنىنىڭ ئىمپورت ۋاقىتلىق باج نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  لايىھەگە ئاساسەن، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ۋە باج نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلگەن مەھسۇلاتلار-پورشېنلىق ئاۋىياتسىيە ماتورى، يانفون، تاختا كومپيۇتېرنىڭ سۈرەت ئېلىش بۆلىكى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ئېھتىياجلىق ئۈسكۈنىلەر، زاپچاسلار ۋە خام ئەشيالار، تەبىئىي ئوت-چۆپ قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىنى قوللاپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان مەھسۇلاتلار، ئاۋازلىق ھاياتلىق تەكشۈرگۈچ قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوپتىك تالالىق تەييار كالتەك، كۆپ نۇقتىلىق پۈركۈمە پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرىدىغان بېنزىن ماتورى قاتارلىق قىسمەن مەھسۇلاتلارغا يىللىق ئىمپورت ۋاقىتلىق بېجى يولغا قويۇلماستىن، ئەڭ ئېتىبارلىق دۆلەت باج نىسبىتى يولغا قويۇلۇپ، بۇ يىلقى ۋاقىتلىق باج نىسبىتىدىن سەل ئۆستۈرۈلىدۇ. تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتى مۇنداق دېدى: بۇ-تاموژنا بېجىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى كەسىپ تەرەققىياتى ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  لايىھەدىن ئايان بولۇشىچە، 2014-يىلى يېقىلغۇ مېيى قاتارلىق 767 تۈرلۈك ئىمپورت تاۋىرىغا ۋاقىتلىق باج يولغا قويۇلىدىكەن، ئەمما 2013-يىلىدىكى ئىمپورت تاۋارلىرى ۋاقىتلىق بېجىنى يولغا قويۇشتىكى تۈرلەر 784 بولغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر