باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن سۈت تالقانلىرىنىڭ ئىمپورت بېجى كېلەر يىلى تۆۋەنلىتىلىدۇ(2)

2013.12.18 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇندىن باشقا، 2014-يىلى ئېلىمىز ۋاقىتلىق باج ئۇسۇلى بىلەن، كۆمۈر، خام نېفىت، خىمىيىۋى ئوغۇت، تۆمۈر قېتىشمىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئېكسپورت بېجى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، خىمىيىۋى ئوغۇت ئېكسپورت بېجى نىسبىتى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  ئاممىنىڭ ئىستېمالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسمەن بوۋاقلار سۈت تالقىنى، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قاتارلىق ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ ۋاقىتلىق باج نىسبىتىنى بۇ يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، سۈت ئاقسىلىنى قىسمەن ھىدرولىزلاپ تەييارلىغان، سۈت ئاقسىلىنى چوڭقۇر ھىدورلىزلاپ تەييارلىغان، ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن تەييارلانغان، قەنتسىز تەييارلانغان ئالاھىدە بوۋاقلار سۈت تالقىنىنىڭ 2014-يىلىدىكى ۋاقىتلىق باج نىسبىتى %5 بولۇپ، ئەڭ ئېتىبارلىق دۆلەت باج نىسبىتى بولغان %20 تىن %75 تۆۋەنلىتىلىدۇ. 2013-يىلىدىكى تەڭشەش لايىھەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2014-يىلىدىكى لايىھەدە بوۋاقلارغا ئىچۈرۈلىدىغان پارچە سېتىلىدىغان ئورالمىلىق سۈت تالقىنىنىڭ ۋاقىتلىق باج نىسبىتى %5 قىلىنىپ، ئەڭ ئېتىبارلىق دۆلەت باج نىسبىتى بولغان %15 تىن %67 تۆۋەنلىتىلىدۇ. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ 2014-يىللىق ۋاقىتلىق باج نىسبىتى %5 بولىدۇ، ئەڭ ئېتىبارلىق دۆلەت باج نىسبىتى %6.5 بولىدۇ، بۇ تەڭشەش بىلەن 2013-يىلىدىكى لايىھە ئوخشاش بولدى.

  سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقاتخانىسى ئىستېمال ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ پىڭ بۇندىن بۇرۇن مۇنداق دېگەن ئىدى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتى ئالاھىدە تەييارلانغان بوۋاقلار سۈت تالقىنىنىڭ باج نىسبىتىنى كۆپ قېتىم تۆۋەنلەتكەن ئىدى، بۇ-دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىمپورت سۈت تالقىنىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئاشقانلىقىدىن بولغان. ئېلىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىمپورت سۈت تالقىنى بۇندىن بۇرۇن ھەشەم بۇيۇملىرىدىن ئوتتۇرھال كىرىم قاتلىمىنىڭ زۆرۈر لازىمەتلىكىگە ئايلاندى، شۇڭا تاموژنا بېجى مۇۋاپىق چۈشۈرۈلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر