باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ

2013.12.19 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 9 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار ئىلىم - پەن يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، بايلىق ئېچىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، بىئو تېخنىكا ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىكەن.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چېن شىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بەش چوڭ تەتقىقات مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىم - پەن مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا ھاياتلىق مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا كەسىپ يېتىشتۈرۈش مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تېخنىكىسى مەركىزى ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ مەركەزلەر ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 2014 - يىلىنىڭ بېشىدا بىر ياكى ئىككى مەركەزگە ۋىۋىسكا ئېسىلىدىكەن.

  يېزا ئىگىلىك مەركىزى قۇرۇش جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە يېزا ئىگىلىك ئۈلگە بازىسى ياكى بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرغان بولۇپ، ئاساسلىقى شورلۇق يەرنى ياخشىلاش، كېۋەز ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شال ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرىدىكەن؛ ئىلىم - پەن ۋە كەسىپ يېتىشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇش جەھەتتە، بەزى تېخنىكىلار ئالدى بىلەن شىنجاڭدا يېتىشتۈرۈلۈپ، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتىلىدىكەن؛ ئۇچۇر تېخنىكىسى مەركىزى قۇرۇش جەھەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت شىنجاڭ بىلەن بىللە پەن تەتقىقات مەركەزلىرى، دالىدىكى پونكىتلاردىن يىغقان سانلىق مەلۇماتلارنى دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، رايونلار ئارا ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى كەڭ ۋە چوڭقۇر. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيە، زوئولوگىيە، ئىتنوگرافىك جۇغراپىيە، يىراقتىن سېزىش ئۇچۇر ئىلمى، سۇ بايلىقى ئىلمى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، بىر تۈركۈم ئۈلگە بازىلىرى، دالا پونكىتلىرى، پەن تەتقىقات مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، خەلقئارالىق كۆزىتىش تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇرغاق رايونلارنىڭ سۇ بايلىقى تەتقىقاتى، كان بايلىقى ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر