باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون مۇھىت ئاسراش بويىچە ئالدىن كېلىشىپ سۆزلىشىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇھىت ئاسراشتا قانۇنغا خىلاپ يەتتە تۈرلۈك قىلمىش كۆرۈلگەندە ئالدىن كېلىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدۇ

2013.12.19 15:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى يۆنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە ئالدىن كېلىشىپ سۆزلىشىش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» 17 - دېكابىر ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان، مۇھىت ئاسراشتا قانۇنغا خىلاپ يەتتە تۈرلۈك قىلمىش كۆرۈلگەندە ئالدىن كېلىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  «چارە»دە مۇھىت ئاسراشتىكى قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلار ساقلانغان ئورۇنلار بىلەن ئالدىن كېلىشىپ سۆزلىشىش بەلگىلەنگەن: بىۋاسىتە قاراشلىق مەمۇرىي رايوندىكى مۇھىت ئاسراش سىياسىتى ۋە مۇھىت ئاسراش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچارراق بولغان، ئومۇمىي تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇندىيالمىغان ئورۇنلار؛ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلار بىلەن ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايونلارنى ئايرىش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان، ئېكولوگىيەلىك قىزىل سىزىقنى بۇزغانلار؛ مۇھىت ئاسراشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى گەۋدىلىك بولغانلار؛ يەرلىكتىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىن قوللانغان تەدبىرى ئىلمىي بولمىغانلار، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولمىغانلار. سانائەت رايونلىرى ئىچىدىكى مۇھىتنى باھالاش، «ئۈچ ماس قەدەم» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەر ۋە مۇھىت ئاسراش ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى كەينىدە قالغانلار؛ پاسكىنا سۇنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ئايلىنىشى نورمال بولمىغان ياكى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇپ بەرگەنلەر؛ سانائەت رايونلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ بۇلغىمىنى تۈزەش ئەسلىھەلىرى نورمال بولمىغان، تۈرلۈك بۇلغىمىلارنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قويۇپ بېرىش قىلمىشى سادىر قىلغانلار. قانۇن بويىچە مۇھىت ئاسراش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا قۇرۇلۇش قىلىش، مەبلەغ سېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلار. بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز مەيلىچە تاشلاپ قويغان، بۇزۇۋەتكەن، نورمال ئىشلەتمىگەنلەر، بۇلغىمىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قويۇپ بېرىش ياكى يامان غەرەزدە يوشۇرۇن قويۇپ بېرىش قىلمىشى سادىر قىلغانلار. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك (ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىن يۇقىرى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ھەقىقىي ھەل قىلمىغانلار؛ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى تەرىپىدىن ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، تەستىقلاش رەت قىلىنغان، مۆھلەت بەلگىلەپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغانلار؛ مەركەز، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئاشكارىلانغانلار؛ مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار چوڭ تالاش - تارتىش ۋە ئەرزىيەت ئىشلىرى كۆرۈلۈپ، ئۇزاققىچە كېچىكتۈرۈپ ھەل قىلىنماي، رايوننىڭ مۇھىتى ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىگە تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بولغانلار، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن مۇھىت ۋەقەسىدە ئەھۋالنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان ۋە ساختا مەلۇم قىلغانلار، باشقا ئالدىن كېلىشىپ سۆزلىشىشكە تېگىشلىك قىلمىشلار.

  «چارە»دە دېيىلگەن ئالدىن كېلىشىپ سۆزلىشىش − مۇھىت ئاسراش نازارىتى ياكى مۇھىت ئاسراش نازارىتى باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، سانائەت رايونى ۋە كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئالدىن كېلىشىپ سۆزلىشىشنى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلىشىپ، مەسىلە ۋە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، مۆھلەت توشۇپمۇ تۈزەتمىگەن قىلمىشنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتىنى كۆرسىتىدۇ.

  «چارە»دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئالدىن كېلىشىپ سۆزلەشكۈچى سۆزلىشىش ئوبيېكتىدا ساقلانغان ئاساسلىق مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ھەم تۈزىتىش تەلىپى ۋە بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئالدىن كېلىشىپ سۆزلىشىش ئوبيېكىتلىرى «بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى» دىكى تەلەپلەر بويىچە تۈزىتىشى كېرەك، تۈزەتمىسە ياكى ئەستايىدىل تۈزەتمىسە، ۋاقتى ئۆتسىمۇ تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىسا ياكى تۈزىتىشى لاياقەتسىز بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالدىن كېلىشىپ سۆزلىشىش ئوبيېكىتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر