باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتى جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2013.12.19 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرلىرىمىز جاڭ لېي، لى چۈنشيانىڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور زاۋۇتىدىن ئىگىلىشىچە، 16 - دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ مەملىكەت بويىچە تىرانسفورموتور كەسپى ساھەسىدىكى بۇ خىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىردىنبىر كاخانا، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى كارخانا بولۇپ قالدى.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتى 2013 - يىلى «بىر قېتىمدىلا غەلىبىلىك ياساش، بىر قېتىمدىلا تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈش، ئۇزاق مۇددەت بىخەتەر مەشغۇلات قىلىش»تەك سۈپەت نىشانىنى بېكىتىپ، لايىھەلەش، سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تەكشۈرۈش، سىناق قىلىش، مۇلازىمەت قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا سۈپەتنى كونترول قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتونوم بويىچە تۇنجى 750 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور، تۇنجى 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش مەھسۇلاتى، شۇنداقلا تۇنجى 600 كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ، شىنجاڭنىڭ تىرانسفورموتور ياساش كەسپى ئىقتىدارىنىڭ دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ھالقىغان، يىراق مۇساپىلىك، زور سىغىمچانلىققا ئىگە ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش ئىشلىرىنى ئىشەنچلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىنى باھالاش، تەقدىرلەش كومىتېتى ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىغا «سۈپەتلىك ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش»نى ئاساس قىلغان سۈپەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلغان، دەپ باھا بەردى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىنى باھالاشتا، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى، خەيئېر گۇرۇھى شىركىتى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىنىڭ تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ليۇ يۈەنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىنىڭ شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتى، خۇاۋېي مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 43 تەشكىلات ۋە ئۈچ شەخس تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر