باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 10تىپىك مەسىلە توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2013.12.18 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 10تىپىك مەسىلىگە قارىتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى يىل ۋە چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈزىتىپ، «پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىللىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»، «پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»ھەمدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا چىقارغان ھۆكۈمەت پۇلىغا تەبرىك ئاتكىرتكىسى ۋە پوجاڭزا قاتارلىق بايراملىق سوۋغات بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشىنى قاتتىق چەكلەشكە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشدىكى تەلەپلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىپ،ئىنتىزامغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىنتىزام نازارىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلىشى، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، سوۋغا بېرىش، ساياھەت قىلىش ۋە چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىللىق قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇشى؛ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ۋەزىپىسىنىڭ قانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلاپ، «تۆت خاھىش» نى تۈزىتىش نەتىجىسى ئۈلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە زورايتىشى كېرەك.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 32 تىپىك مەسىلە ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر