باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جىمسار ناھىيەسى چىرىكلىككە كەسكىن قارشى تۇرى، 2013-يىلى 13 دېلو بىجىرىپ 1 مىليۇن 640 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالدى

2013.12.19 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جىمسار ناھىيەسى نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى باھالاش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جىمسار ناھىيەسى 2013-يىلى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، سودا پارىخولۇقى، مەسئولىيىتىنى ئادا قىلماسلىق بويىچە 13 دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەپ، 14 ئادەمنى بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنى بىر مىليون 640 مىڭ يۈەنلىك ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالغان.

  2013-يىلى جىمسار ناھىيەسى مەركەزنىڭ «يولۋاسنى تۇتۇپ چىۋىنگە زەربە بېرىش» دېيىلگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىق تەشەببۇس قىلىنغان ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ھەيۋىسىنى ئىزچىل ساقلاپ قالدى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش ۋە مەسئولىيىتىنى ئادا قىلماسلىق دېلولىرىنى ئىنتىزام، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قەتئىي قوللىدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن بەش قېتىم مەلۇمات ئاڭلىدى، دېلو سادىر قىلغان ئورۇننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن تۆت قېتىم سۆزلەشتى، مۇھىم دېلولارنى بېجىرىشكە شەخسەن ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلدى، توردا پاش قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش، شىكايەت تېلېفونى ئورنىتىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىغا ئەرزىيەت ـ پاش قىلىش يوللىرىنى ئېچىپ بەردى، 42 پارچە ئەرزىيەت ـ پاش قىلىش ماتېرىيالى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭ 39زىنى بېجىرىپ ئاياقلاشتۇرۇپ، بەش ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە، بىر ئادەمگە مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆردى. بەش ئادەمنى ئەدلىيە ئورگىنىغا يوللاپ، 1 مىليۇن 640 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالدى، ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى مەسئولىيىتىنى ئادا قىلماسلىق بويىچە بىر ئادەم ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزدى، 11 دېلو بويىچە 13 ئادەم ئۈستىدە خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە ئىككى دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇرۇپ، ئۈچ ئادەم ئۈستىدىن جىنايەتلىك دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ناھىيەلىك سودا ـ سانائەت ئىدارىسى سودا پارىخورلۇقى بويىچە بىر دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر