خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» تورىنىڭ 17-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ھەربىيلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانى شۇ كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 4 ئادەممۇ ئۆلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەنقەرەنىڭ گېئېرباسى رايونىدا ئۇچۇش مەشىقى قىلىۋاتقاندا، يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، چۈشۈپ كەتكەنىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر