باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى رەت قىلدى

2013.12.18 15:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېنجياڭ شەھىرىدىكى چېن شىن (ئۆزگەرتىلگەن) سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا HIV غا قارشى تۇرغۇچى تەنچىسى مۇسبەت بولۇپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، دەۋاگەرنىڭ ئادۋوكاتى شۇ جايدىكى سوت مەھكىمىسىگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى ئەرز قىلغان.

  جېنجياڭ شەھىرى يېڭى رايونلۇق باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ‹‹ئاشكارا تەكلىپ قىلىش نىزامنامىسىدە، ‹‹سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشتە ئادەتتىكى مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئۆلچەملىرى ئاساس قىلىنىدۇ››، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. چېن شىننىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا HIV غا قارشى تۇرغۇچى تەنچىنىڭ مۇسبەت بولۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمىدى، دەپ بېكىتىلگەن.

  چېن شىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى››غا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئادۋوكاتقا ھاۋالە قىلىپ، جېنجياڭ شەھىرى يېڭى رايونلۇق باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن جېنجياڭ شەھىرى يېڭى رايونلۇق مۇلازىمەت كەسپىي تەرەققىيات ئىدارىسى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىككى جاۋابكار ئورۇننىڭ دەۋاگەرنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ھەم دەۋاگەردىن يازمىچە كەچۈرۈم سوراش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

  مۇخبىرنىڭ جېنجياڭ شەھىرى ئىقتىساد تەرەققىيات رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر سوت مەھكىمىسى ئەرز قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەم دېلو تۇرغۇزۇشنى قارار قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر