باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساقچىنىڭ نىقابىغا سۆيگەن قىز جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلدى دەپ ئەيىبلەندى

2013.12.18 10:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىتالىيەلىك بىر ئايال نامايىشچى ئالدىنقى ئايدا نامايىش قىلىش جەريانىدا، بىر نەپەر تېررورلۇقتىن ساقلىنىش ساقچىسىنىڭ نىقابىغا سۆيۈپ قويغان، شۇ سەۋەبلىك بۇ قىزنى جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالدى، دەپ ئەيىبلەنگەن.

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 15 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، ئىتالىيەلىك بىر ئايال نامايىشچى ئالدىنقى ئايدا نامايىش قىلىش جەريانىدا، بىر نەپەر تېررورلۇقتىن ساقلىنىش ساقچىسىنىڭ نىقابىغا سۆيۈپ قويغان، شۇ سەۋەبلىك بۇ قىز جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالدى، دەپ ئەيىبلەنگەن.

  ئالدىنقى ئايدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى داۋامىدا، 20 ياشلىق شىفۇل ئىسىملىك بىر قىز ئوقۇغۇچى بىر ساقچىنىڭ نىقابى ئۈستىگە سۆيۈپ قويغان. ئەينى چاغدا بىر فوتوگراف دەل بۇ مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، ھەمدە بۇ بىر قىززىق تېما بولۇپ قالغان، كىشىلەرنىڭ قارىشىچە شىفۇلنىڭ بۇ ھەرىكىتى مۇھەببەت يەتكۈزۈش، تىنچلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

  بىراق، ئىتالىيە ساقچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا بۇ قىزنى جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

  ساقچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ماككا مۇنداق دېدى، ئۇ بۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتىدىن تېنچلىقنى كۆرەلمىگەن، پەقەتلا «ئىغۋا» كۆرگەن. «ئەگەر ئاشۇ ساقچىمۇ ئەينى چاغدا ئۇنى سۆيگەن بولسا، دۆلەت ئىچىدە چوقۇم 3–دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان بولاتتى».

  ئەمەلىيەتتە، شىفۇل ئۆزى مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ نىقابنى سۆيۈشى ھەرگىزمۇ تىنچلىق ئۇچۇرى يەتكۈزۈش بولماستىن بەلكى غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىكەن، چۈنكى ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى دۇمبالىغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر