- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، ياشلار بىلەن يېڭى دەۋر ئاچايلى
شىنجاڭ 9-نۆۋەتلىك ياشلار ئىلمىي يىللىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
2013.12.18 17:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ياشلار ئىلمىي يىللىق يىغىنى 17-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانا، ئىلمىي ئۇيۇشمىلار ھەمدە ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرىدىن 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. بۇ قېتىمقى ياشلار ئىلمىي يىللىق يىغىنى «ئىجادچانلىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ـــ بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز» دېگەن تېمىدا، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات قىزىق نۇقتىلىرى ۋە شىنجاڭ ياشلار ئىلمىي خىزمەتلىرى ئۈستىدە بىر قاتار مۇنبەر پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر