باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاي پەرىسى 5-نومۇر 2017-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە قويۇپ بېرىلىدۇ

2013.12.17 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاي پەرىسى ئۈچىنچى نومۇر ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تېخنىكا سانائەت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ جىجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاي پەرىسى ئۈچىنچى نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋاپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى ئېلىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىپ كېلىش»تىكى ئىككىنچى قەدەملىك ئىستراتېگىيەلىك نىشاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈچىنچى باسقۇچقا قەدەم قويدى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق نىشان ــ ئادەمسىز ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاي پەرىسى بەشىنچى نومۇر 2017-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىلىدۇ، ۋۇ جىجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 15-دېكابىر ئاي پەرىسى ئۈچىنچى نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ ئىككىگە بۆلىنىش ۋە ئۆزئارا سۆرەتكە تارتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق بايراقنىڭ سۆرىتىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئەۋەتتى، بۇ ئاي پەرىسى ئۈچىنچى نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ۋەزىپىنىڭ بارلىق جەريانىدا ۋاقىتىدا تارقىتىش، توغرا ئوربىتىغا كىرگۈزۈش، بىخەتەر قونۇش، ئىشەنچلىك ئايرىش، مۇۋاپپەقىيەتلىك كۈزىتىش ئىشقا ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر