خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-چېسلا چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 1-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە جەمئىيەتنىڭ باھاسى بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتى، ئاممىنىڭ تۈزەشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەلىشى ۋە ھېس قىلالىشىغا، كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ رازى بولۇشىغا، شەكىللەندۈرگەن تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلدە ئاقىدىغان، كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلالايدىغان، ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان بولۇشىغا، ياخشى باشلانغان پائالىيەتنىڭ ياخشى ئاياغلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تۈرلۈك ئاياغلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى بىر غەيرەت بىلەنلا ياخشى ئىشلەش زۆرۈر. 2-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، 1-تۈركۈمدىكى پائالىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋال ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى مەۋقە قىلىپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى ياخشىلاپ، پائالىيەت لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، سىياسەت-پىرىنسىپنى ياخشى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل پۇختا ئىشلەش لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى