ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئابدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: قاراماي بۇرغىلاش شىركىتى بۇ يىللىق بۇرغىلاش ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسراش، ساغلاملىقتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتتى . پەن تېخنىكىغا تايىنىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا قۇدۇق قېزىش بىلەن يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بۇرغىلاش سۈرئىتىنى ئۈزلىكسىز تېزلەتتى. نەتىجىدە 12- ئاينىڭ 16- كۈنىگە قەدەر 831 نېفىت قۇدۇقىنى قېزىپ تاماملاپ، بۇ يىللىق بۇرغىلاش مېتىر سانىنى بىر مىليون 111 مىڭ 997 مېتىرغا يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 410 قۇدۇقنى ئارتۇق قېزىپ، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق نېفىت مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشىغا زور تۆھپە قوشتى.