باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى

2013.11.25 13:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ پويىز ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا كىرىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجۇ، 23 – نويابىر تېلېگراممىسى. يېنىك سانائەت بۇيۇملىرى قاچىلانغان 29 كونتېينېرنى باسقان 42051 – قېتىملىق پويىز 22 – نويابىر كەچ سائەت 8دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۇەن شىلۇڭ ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى. تۇنجى قېتىم يولغا چىققان بۇ گۇاڭدۇڭ شىنجاڭ – رۇسىيە ئارىسىدا قاتنايدىغان خەلقئارا تېز يۈك پويىزى 15 كۈندىن كېيىن موسكۋاغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ، جۇجياڭ دېلتىسىدىن چىققان ماللارنىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن ھەم ۋاقتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن يېرىم ھەسسە قىسقارغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ خەلقئارا تېز يۈك توشۇش پويىزىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل گۇاڭجۇ تۆمۈر يول گۇرۇھىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 42051 – قېتىملىق پويىزنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى گۇاڭدۇڭدىن يولغا چىقىپ ئون كۈندىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا، يەنە تەخمىنەن بەش كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن رۇسىيەگە يېتىپ بارىدىكەن. بۇ جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدىن بىۋاسىتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بارىدىغان تېز سۈرئەتلىك ئەشيا ئوبوروت يولىنى ئاچىدۇ، تىرانسپورت ۋاقتىمۇ ئەسلىدىكى 35 كۈندىن 15 كۈن ئەتراپىغا قىسقىرايدۇ.

  ئىقتىساد – سودا ئېھتىياجى بۇ يېڭى تېز سۈرئەتلىك ئەشيا ئوبوروت يولىنى بارلىققا كەلتۈردى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2012 – يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 88 مىليارد 160 مىليون دوللارغا يېتىپ، %11.2 ئاشقان، جۇڭگو ئۇدا ئۈچ يىل رۇسىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر