باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە، كەڭ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2013.11.27 23:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 26-نويابىر بۇخارېستتا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى رۇمىنىيە قاتارلىق 13 دۆلەتنىڭ زۇڭلىلىرى بىلەن بىرگە 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى)

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 26-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بۇخارېستتا رۇمىنىيە قاتارلىق 13 ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ زۇڭلىلىرى بىلەن 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئىنتايىن چوڭقۇر، ھازىر تۇرۇۋاتقان تەرەققىيات باسقۇچىمىز ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بازار يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا كېرىمىز، تىپنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرىدىغان جىددىي ۋەزىپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇڭا ھەمكارلىشىش پۇرسىتىمىز كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىمىز زور. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى خەلقئارا ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە ياۋروپا قەرز كرىزىسىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىمىز تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچنى زاھىر قىلدى. چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئالدىدا ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەدبىر ئۈستىدە كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىپ، مەنپەئەت بىرلەشمە نۇقتىلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك، كەڭ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىمىز، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك. (ۋۇ يۆجۈن، سۈن تيەنرىن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر