باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 21 ساياھەت كوپىراتىپى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلدى

2013.11.27 16:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 25-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ساياھەت بازارلىرىنىڭ تەرتىپىى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2013-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى 318 ساياھەت كوپىراتىپى ۋە 287 ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مېھمانسارايلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

  25-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلشاد ئابلىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تەرتىپكە سېلىشتا، قورغاس ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق 21 ساياھەت كوپىراتىپى، شىنجاڭ قاناس خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ماناس تارماق كوپىراتىپى قاتارلىق 13 ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ تارماق كوپىراتىپى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلدى. جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 40 ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى جىنخەيۋەن ئىستراھەت مېھمانخانىسى قاتارلىق 15 بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىسى بىكار قىلىندى. تارىم نېفىت-خىمىيە مېھمانخانىسى قاتارلىق 67 ‹‹يۇلتۇز دەرىجىلىك›› مېھمانخانا چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلدى، بۇرچىن ناھىيە ‹‹سۇتۇڭ›› ئىستراھەت مېھمانخانىسىنىڭ دەرىجىسى تۆت يۇلتۇزدىن ئۈچ يۇلتۇزغا چۈشۈرۈلدى.

  تەرتىپكە سېلشتا، ئايرىم ساياھەت كوپىراتىپى باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنىڭ سۇسلۇقى، ئۆمەكنىڭ ئارخىپ باشقۇرۇشىنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقتەك ئەھۋاللار بايقالغان. مېھمانخانىلارنى تەرتىپكە سېلىش پائالىيىتى ئارقىلىق مېھمانخانىلارنىڭ يۇلتۇز دەرىجە ئۆلچىمىنىڭ ئورنىغا چۈشمەيۋاتقانلىقى، ئەسلىھەلىرىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكى، قاتتىق دېتال مۇلازىمىتى بىلەن ماس ھالدىكى يۇلتۇز دەرىجىسىنىڭ ماس كەلمىگەنلىكى، تىجارەت ئۈنۈمىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەل قاراش، مۇلازىمەتنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقى، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى كەسكىن ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، ساغلام ساياھەت كەسپى سۈپەت باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ‹‹شىنجاڭ دېگەن ياخشى جاي›› دېگەن سۈپەت مۇلازىمەت ئوبرازىنى تۇرغۇزۇش، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 2012-يىلى ‹‹تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېھمانخانىلار ۋە A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى بويىچە مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش پائالىيىتى››نى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، 2013-يىلى ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېھمانخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرغان. مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ساياھەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر