باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 3A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسىدىن بەشىنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىندى

2013.11.29 14:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاخىرلاشقان 2013 – يىللىق شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بۇلتۇر ئۆزگەرتىش ئۇقتۇرۇشى ۋە ئەسكەرتىش بېرىلگەن 75 مەنزىرە نۇقتىسىنى تەرتىپكە سالدى، 44 مەنزىرە نۇقتىسىنى قايتىدىن تەكشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 52 مەنزىرە نۇقتىسى دۆلەت مەنزىرە نۇقتىسى دەرىجە ئۆلچىمىگە توشمىدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىكى يامالىق تېغى باغچىسى، قۇمۇل شەھىرىدىكى ئالتۇن ۋاقىت ئارامگاھى ، سانجىدىكى تيەنجىڭ شېنچى مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيەت باغچىسى، تۇرپان شەھىرىدىكى قۇملۇق ئېكولوگىيە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، قۇملۇق توپا سەنئىتى سارىيىنىڭ 3A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى دېگەن سالاھىيىتى بىكار قىلىندى؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇز كۆل باغچىسى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قار – مۇز باغچىسىنىڭ 4A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلدى؛ ئۈرۈمچى خەلق باغچىسى قاتارلىق 11 مەنزىرە نۇقتىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت تارماقلىرى بۇ توغرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرى دەرىجىگە تۇرغۇزۇپ قايتا تەكشۈرۈش ۋە ھاۋالە قىلىپ قايتا تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، مەنزىرە نۇقتىسى دەرىجىسى بازار رىقابىتى مېخانىزمى ئورنىتىلدى. ساياھەتنىڭ قايناق مەزگىلىدە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنى ئاساس، ئاشكارا زىيارەت قىلىشنى قوشۇمچە قىلىپ، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تەكشۈرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

  2012 – يىلى شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى كۆپ قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  ساياھەت باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈش جەريانىدا قىسمەن مەسىلىلەرنى بايقىدى، مەسىلەن، قىسمەن مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس، قۇرۇلۇشقا سېلىنغان مەبلەغ كەمچىل، بولۇپمۇ قاتناش شارائىتى ناچار، ساياھەت كۆرسەتمە سىستېمىسى، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى جىددىي ئۆزگەرتىشكە موھتاج؛ قىسمەن مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا كۆپ تارماقلار گىرەلىشىپ باشقۇرىدىغان بولغاچقا، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى ئېنىق ئەمەس؛ قىسمەن مەنزىرە نۇقتىلىرى قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇلازىمەت، بازار تەشۋىقاتى قاتارلىقلارغا سەل قارىغان، مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر