باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە بىلەن مىسىر مۇناسىۋىتىدە قايتىدىن جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى

2013.11.28 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا تۈركىيە بىلەن مىسىر مۇناسىۋىتىدە قايتىدىن جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ قارشى تەرەپتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى ھەمدە تۈركىيە باش مىنىستىرى ئۆزىنىڭ مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇرسىنى قوللايدىغان مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئاچچىقىنى چىقىرىشقا باشلىدى.

  مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 23-نويابىر مۇنداق دېدى: مىسىر ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشنى، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى قارار قىلدى ھەمدە تۈركىيەدىن مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 23-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە تۈركىيە بىلەن مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ۋاكالەتچى دەرىجىگە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇ مىسىرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مىسىر ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى باش ئەلچى دەرىجىلىكتىن ۋاكالەتچى دەرىجىگە تۆۋەنلەتتى ھەمدە تۈركىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ مىسىردىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇ مىسىردا قارشى ئىلىنمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى: مىسىر تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى قارار قىلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇئاننىڭ 21-نويابىر ئېلان قىلغان مىسىرغا ئالاقىدار سۆزلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، مىسىر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىرىس قىلىنغان، مىسىرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ بۇ خىلدىكى سۆزلەرنى يەنە قايتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مىسىر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئىزچىل تۈردە ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، تۈركىيە دائىرىلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى ئىنتايىن خالاپ كەلگەن ئىدى، بىراق تۈركىيە دائىرىلىرى مىسىر قوبۇل قىلالمايدىغان مەيدانى ۋە سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ، مىسىر جەمئىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  مىسىر ھۆكۈمىتى 8-ئايدا تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، مىسىر تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى كېڭەشكەن ئىدى. مىسىر بۇ قېتىم مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى رەسمىي قارار قىلدى. مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇرسى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 3- كۈنى ئارمىيە تەرەپتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى ئەيىبلىدى ھەمدە مۇرسىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. 21-نويابىر، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇئان رۇسىيىدە زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى، مۇرسىنىڭ سوراق قىلىنغاندا تۇتقان مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىسىر ئارمىيە تەرەپ بۇ يىل يازدا خەلق سايلىغان پىرېزىدېنت مۇرسىنى تەختتىن چۈشۈرگەندىن كىيىن، تۈركىيە بىلەن مىسىر مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە جىددىي بولۇپ كەلدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىكى دوستانە مۇناسىۋىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۈركىيە بىلەن مىسىر بۇ قېتىم دىپلوماتىيە جەھەتتە خەتەرگە يولۇقۇشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تەل تۆكۈس بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

  بۇندىن ئىلگىرى، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، ئۆزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. باياناتدا، مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ئەھۋالدا تەختكە چىقتى، تۈركىيە خەلقى بىلەن مىسىر خەلقى ئوتتۇرسىدىكى قېرىنداشلارچە بەلۋاغ ۋە چوڭقۇر مۇناسىۋەت يەنىلا مەۋجۇت دېيىلدى. باياناتدا تەكىتلەپ مۇنداق دېيىلدى: بىز مىسىرنىڭ مۇقىملىقى ۋە دېموكراتىيەسى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىقىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇللا گۇل تاراتقۇلارغا، ئۆزىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  2011-يىلى مىسىر خەلقى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مۇرسىنى تەختتىن چۈشۈشىگە مەجبۇرلىغاندىن كىيىن. تۈركىيە مىسىر بىلەن يېڭى سىياسىي تەرتىپ بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىش يولدا تىرىشىپ ئىزدەندى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى ئۆزلۈكسىز ئېشىپ، 2012-يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا 3 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. تۈركىيە يەنە مىسىرغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ، نۆۋەتتە مىسىردا 26 تۈرنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: تۈركىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىسلام دىنى ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئالغان. بۇ پارتىيە مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مورسىنى قوللايدۇ، چۈنكى مۇرسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يادرولۇق ئەربابلىرىنىڭ بىرى. تۈركىيە مىسىر ئارمىيەسىنىڭ مۇرسى ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىغا نارازى بولدى ھەمدە غەرب ئەللىرىنى مىسىرنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشغا قاراپ تۇردى، دەپ ئەيىبلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر