باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

3-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا مۇنبىرى يېپىلدى

جوڭگو ، چەتئەل ئالىملىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش توغرىسىدا قىزغىن مۇزاكىرىلەشتى

2013.11.28 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى ئۇيۇشتۇرغان 3-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا مۇنبىرى بېيجىڭدا يېپىلدى . ئىككى كۈن داۋاملاشقان مۇنبەردە ، جوڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 60نەچچە مۇتەخەسىس ۋە ئالىم جوڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتى ۋە كۆپ تەرەپ رامكىسى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى مۇنبەردىكى جوڭگو ، چەتئەل ئالىملىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما بولۇپ قالدى .

  جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىبى سۇن جۇاڭجى سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جوڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ئۇقۇمى كەلگۈسىدە ئىنتايىن ئىنتايىن ئىستىقباللىق ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىدۇ . ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى : ئىقتىساد بەلبېغى ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق ئورتاق گەۋدىسى . نۆۋەتتە جوڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاش يول ، تۆمۈر يول ، نېفىت – تەبىئىي گاز تۇرۇببا تورى قاتارلىقلار ئارقىلىق بىر بىرىگە زىچ باغلىنىپ تۇرماقتا ، ئىقتىساد بەلبېغىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى ،-دەپ قاراشقا بولىدۇ .

  ئۆزبېكىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇرى دەرىجىلىك قانۇن مەسلىھەتچىلىرى مەركىزى خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىي ھوقۇق قانۇنى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، پروفېسسور سايتوۋا بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ جوڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى : نەچچە مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا ،جوڭگولۇقلار قەدىمكى يىپەك يولىنى بويلاپ ، يىپەكنى ئۆزبېكىستانغا ئاپارغان ، ئاندىن نەسىللىك قۇلۇنلارنى جوڭگوغا توشۇپ ئاپارغان .

  سايتوۋا مۇنداق دېدى : "ئەمەلىيەتتە ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى جوڭگو ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا ئىنتايىن ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بەردى . بىز بۇ سۇپىدا ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىپ قالماستىن ، بەلكى پەن تېخنىكا ، مائارىپ ، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ھەمكارلىشالايمىز ، بىز بۇ جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق ، ھەقىقەتەن ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ئاساسقا ئىگە ."

  جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى روسىيە ، شەرقىي ياۋروپا ، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكتۇرى ياڭ جىن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نۆۋەتتە بۇ ئىقتىساد بەلبېغىمۇ بىر قىسىم خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە . "ئىقتىساد بەلبېغى ئىچىدىكى دۆلەتلەردە مىللەت ، دىن ھەتتا چېگرا قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا ، ئۇنىڭدىن باشقا 'ئۈچ خىل كۈچ' ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىقلارمۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ."

  تاجىكىستان پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ پروفېسسورى ئولىموۋ جوڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : "ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى دۆلەتلەر بۇ ئۇقۇم ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە نەتىجە ياراتسا ، 'ئۈچ خىل كۈچ'كە تېخىمۇ بىۋاستە زەربە بېرەلەيدۇ .

  قازاقىستان زوڭتۇڭ ستراتىگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سېلويېشكىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە ئۇنى قانداق يولغا قويۇشتىن ئىبارەت . "نۆۋەتتە ئۇ بىر ئۇقۇم ، جوڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەر يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى بىرلىشىپ ئويلىشىپ چىقىپ ، بۇ ئۇقۇمنى قوللىشى لازىم ."

  جوڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ تاۋ مۇنداق دېدى : يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىنتايىن يېڭى ئۇقۇم ، ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ، ياۋروپا –ئاسىيا ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ ، شۇڭا ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات تەپەككۈر يولى تولىمۇ كەڭ بولىدۇ

  مەنبە: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خۇيۈ تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر