خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بۇخارېستتىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 27-چېسلا چۈشتىن كېيىن تەكلىپكە بىنائەن رۇمىنىيە پارلامېنتىدا «جۇڭگو بىلەن رۇمىنىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى داۋاملىقئىلگىرى سۈرەيلى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. رۇمىنىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئانتوننېسكۇ،ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئازىئورنىيا، زۇڭلى پونتا، پارلامېنت ئەزالىرى، ئىچكى كابىنېت مىنىستىرلىرى،ئۆلكە باشلىقلىرى،شەھەر باشلىقلىرى، چەت ئەلنىڭ رۇمىنىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىق 600 نەچچە ئادەم نۇتۇقنى ئاڭلىدى.
لى كېچياڭ ئانتوننېسكۇ ۋە ئازىئورنىيانىڭ ھەمكارلىقىدا پارلامېنت رەھبىرى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان رەئىس مۇنبىرىگە بېرىپ ئولتۇردى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى... ئانتوننېسكۇ قىزغىن ھېسىيات بىلەن قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى ھەمدە لى كېچياڭنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى.(مۇخبىر مېڭ نا، خاۋ يالىڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)