ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› 17-نويابىر بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەرنى بېسىپ ، تۈركىيەدىكى 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر تۇز كانى غارىنى نامايان قىلدى . ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى ، يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1300 فۇت (تەخمىنەن 400 مېتىر) كېلىدىغان بۇ تۇز كانىدا ھازىرمۇ يەنىلا تۇز ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىللىق تۇز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 500 توننا بولۇپ ، ساپلىق دەرىجىسى %90 كە يېتىدىكەن . تەكشۈرۈلۈشىچە ، بۇ غاردا تېخى ئېچىلمىغان بىر مىليارد توننىدەك تۇز بار ئىكەن .